- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-ئىيۇندىن باشلاپ ئېلىمىز بىر قىسىم كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ
2015.05.27 14:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئېلىمىز بىر قىسىم كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
كاستۇم-بۇرۇلكا، يۇڭ تېرە كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى ئەسلىدىكى %14- %23كىچىدىن %7-%10گىچە، قىسقا قونچلۇق ئۆتۈك، تەنھەرىكەت ئايىغى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى %22-%24گېچىدىن %12گېچە، تىرە ئاسراش بويۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى %5تىن %2كە تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئىلگىرى ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تۆۋەن تاموژنا بېجىلىق مەھسۇلاتلارنى قوشقاندا، ئېلىمىز كىيىم-كېچەك، ئاياغ، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، يېمەكلىك ۋە ئاشخانا بۇيۇملىرى، قازان-قومۇچ، كۆزئەينەك ئەينىكى قاتارلىق تۈرلۈك كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى تۆۋەنلىتىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر