باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرغا قويۇلدى

2015.05.27 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە،دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتلىرىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى مۇۋاپىق تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەرلىكتىكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتلىرىنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنى ئۇقتۇرغان ۋە ئايدىڭلاشتۇرغان.

  «گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق يەرلىكنىڭ دۆلەت مۈلكى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش پىلانى» دېگەن بۇ ئۇقتۇرۇشتا 25 تۈرلۈك كونكرېت خىزمەت ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يەرلىكنىڭ كاپىتال باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، يەرلىكنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، يەرلىكنىڭ دۆلەت مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش ۋە دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سىستېما قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئايرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر