باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدا 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىر تەرەپ قىلىندى

2014.12.05 13:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىش توغرىسىدىكى ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› نى يولغا قويغان ئىككى يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ جەمئىي 62 مىڭ 404 مەسىلە تەكشۈرۈلۈپ، 82 مىڭ 533 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 23 مىڭ 259 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلدى.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىچىدە خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ جازالانغانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 38 مىڭ 135 كىشىگە يېتىپ، يېرىمغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا ساياھەت قىلىش، يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، ساغلاملىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ياكى ئومۇمنىڭ پۇلى بىلەن قاتنىشىش، چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلار نەچچە مىڭدىن ئاشقان.

  بىر تەرەپ قىلىنغان كادىرلار ئىچىدە، بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 78 مىڭ 767 كىشىگە يەتكەن. ھاكىم – باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار 3500 كىشىگە، ۋالىي – نازىر دەرىجىلىك كادىرلار 264 كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆلكە باشلىقى – مىنىستىر دەرىجىلىك ئىككى كادىرغىمۇ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلگەن.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاپ، باشقىلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. ھازىرغىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 48 مەسىلىنى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىدى؛ 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى (ئىدارە) 280 قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 1561 تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2012 – يىلى 4 – دېكابىر يىغىن ئېچىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىش توغرىسىدىكى ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان. ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››دە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە قوغداش خىزمىتىنى ياخشىلاشتىن زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشقىچە، يىغىننى قىسقا ئېچىش ۋە ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچام چىقىرىشتىن ئىقتىسادچان – تېجەشلىك بولۇشقىچە، خەۋەر مەزمۇنىنى ئازايتىش، ماقالە ئېلان قىلىشنى قاتتىق تىزگىنلەشتىن يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاشقىچە ھەممە جەھەتتىكى تەلەپلەر كونكرېت، تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر