باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنستىرلىقى بىلەن ھىندونوزىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىرلىشىپ زەھەر گۇرۇھىنى بىتچت قىلدى

2014.12.05 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى بىلەن ھىندونوزىيە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى تازلاش كومىتېتى ھەمكارلىشىپ، ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنى ، 157 كىلوگىرام كىرسىتال زەھەرنى قولغا چۈشەردى، گۇاڭجۇ، شىنجىن، جېياڭ، فوشەن، شەنۋىي، چىڭداۋ، شىياڭگاڭ شۇنداقلا ھىندونوزىيەدىكى دۆلەت ھالقىغان زەھەر گوروھىنى بىتچىت قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا گۇاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن بەييۈن شۆبە ئىدارىسىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى گۇاڭدۇڭنىڭ بەييۈن رايونى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسىدە 13 كىلوگىرام كىرىستان زەھەرنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشەرگەن، «گۇي ئاكا» باشچىلىقىدىكى زەھەر شەيكىسنى تۇتقان.

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى چېگرا ئىچىدىكى جىنايەت شايكىسىنىڭ تەخمىنەن 150كىلوگىرام كىرسىتال زەھەرنى ھىندونوزىيەگە ئېلىپ مېڭىشقا تەشكىللىگەنلىكىنى ئۇققان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى ھىندونوزىيە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى تازلاش كومىتېتىغا بۇ ئەھۋالنى دەرھال مەلۇم قىلغان. ئىككى دۆلەتنىڭ ساقچىلىرى كېچىلەپ جىددى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ھىندونوزىيە دائىرلىرى زەھەر يۇشۇرۇنغان جاينى ئوڭۇشلۇق بېكىتكەن ھەمدە نەق مەيداندا دېلوغا چېتىشلىق ئۈچ كىشىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك قولغا چۈشۈرگەن، دەسلەپكى قەدەمدە جەمئىي 157 كىلوگىرام كىرىستال زەھەرنى ئولجا ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر