باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ كۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمرىيى مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى

2014.12.05 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئېلىمىز 2016-يىلى ئەتراپىدا قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان يەر شارىدىكى تۇنجى كۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمرىيىنىڭ ئومۇمىي تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولغان. سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىدىكى كۋانت تەجرىبىسىنى تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسى، كۋانت چىرمىشىدىغان دەسلەپكى ئەۋرىشكىنى باھالاش دېتالى قاتارلىق ھالقىلىق زاپچاسلار يېقىندا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن.

  كۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمرىيى-جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بوشلۇق ئىلمىي ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە بېكىتىلگەن سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارادا سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى تېز سۈرئەتلىك كۋانت ئالاقىسىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم يەر يۈزى بىلەن تۇتىشىدىغان رايون كۋانت ئالاقە تورىغا ئايلىنىپ، جۇڭگونىڭ كەڭ دائىرىلىك كۋانت ئالاقە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، كەلگۈسىدە دۇنياۋى كۋانت خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھ تورىنى ئورنىتىشقا ئاساس سالىدۇ. بۇ تۈر 2011-يىلى باشلانغان بولۇپ، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاكادېمىك پەن جيەنۋېينىڭ ئۆمىكى باش بولۇپ يولغا قويغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر