باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹تەڭرىتاغ جامائەت پاراۋانلىقى›› ئۈمىد قۇرۇلۇشى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2014.12.05 13:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ياش – ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى تەسىس قىلغان ‹‹ئۈمىد قۇرۇلۇشىنىڭ 25 يىللىقى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق يېڭى تۈرىنى ئېلان قىلىش›› پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ جامائەت پاراۋانلىقى›› ئۈمىد قۇرۇلۇشى بويىچە 25 يىللىق كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ‹‹تەڭرىتاغ جامائەت پاراۋانلىقى›› شىنجاڭ گېزىتىنىڭ جامائەت ئىستونى بولۇپ، 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تەسىس قىلىنغان، بۇ غەربىي شىمال رايونىدىكى تاراتقۇ مۇستەقىل تەسىس قىلغان تۇنجى ئاممىۋى پاراۋانلىق خەۋەر ئىستونى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ ئىستون تەسىس قىلىنغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ‹‹تەڭرىتاغ جامائەت پاراۋانلىقى›› باشتىن – ئاخىر پىدائىيلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، جەمئىي 4 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئىئانە ۋە ماددىي بۇيۇم توپلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹يېڭى يىلدا يېڭى كىيىم››، ‹‹تاۋباۋ تور دۇكىنى جامائەت پاراۋانلىقى تەربىيەلەش سىنىپى››، ‹‹ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەرىكىتى››، ‹‹يېڭى سومكا، يېڭى ئۈمىد›› قاتارلىق بىر قاتار جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ ياشلار تەشكىلاتى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، غەربىي رايون پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئىستۇدېنت پىدائىيلار، شياۋياڭ بىرلەشمە ئارمىيەسى، شىنجاڭ تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرى قۇتقۇزۇش ئەترىتى، يېزا، كەنت مەكتىپى پىدائىيلىرى، ‹‹ئاققۇ›› ياردەم بېرىش تورى، ‹‹شام›› پىدائىيلار ئەترىتى، مېھىر – شەپقەتنى نۇرلاندۇرۇش تەشكىلاتى قاتارلىق ئون نەچچە پىدائىيلار تەشكىلاتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شۇنداقلا مەكتەپلەرنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن زىچ ئالەقە ئورناتتى.

  ‹‹تەڭرىتاغ جامائەت پاراۋانلىقى›› كۆپ قېتىم تېڭشۈن جامائەت پاراۋانلىقى، تاۋباۋ تورى، شىنلاڭ ‹‹مېھىر – شەپقەت كىيىم ئىشكاپى››، شىنجاڭ ياشلار فوندى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 10 مىڭ كىشىنى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۈردى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر