خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-دېكابىر، شىنجاڭ ئاقسۇدا بىر مەيدان ئاز سانلىق مىللەت كىيىم ـ كېچەك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، باي ناھىيىسىدىن ئىبارەت تۆت تارماق ۋەكىللەر ئەترىتىدىكى 80دىن ئارتۇق ئادەم «مىللىيچە كىيىم ـ كېچەك»، «مىللىيچە زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى»، «ئازادە كىيىملەر»قاتارلىق ئۈچ تۈر بويىچە مۇسابىقىلەشتى.
ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقىگە قاتناشقان 80دىن ئارتۇق ساھىبجامال ھەر قايسى ناھىيىلەردىن تاللانغان بولۇپ، ئىدارە ـ ئورگانلاردىكى خادىملار شۇنداقلا دېھقانلارمۇ بار، ئۇلار بىر مەزگىللىك تەربىيەلىنىشتىن كېيىن، ئەڭ ئاخىردا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈچ تارماق نەتىجىگە ئېرىشكەن ۋەكىللەر ئەترىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى «غەربىي رايون جىلۋىسى خەلقئارا لوڭقىسى» ئاز سانلىق مىللەتلەر كىيىم ـ كېچەك مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.