باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خان سارىيىنىڭ ئاساسىي تېمىلىق ھەقسىز ئېچىۋىتىش كۈنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى، بەش خىل كىشى ھەقسىز ئېكىسكۇرسىيە قىلالايدۇ

2014.12.04 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خان سارىيى موزېيى 3-دېكابىر تۇنجى ئاساسىي تېمىلىق ھەقسىز ئېچىۋىتىش كۈنىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى، تۇنجى قېتىمدا ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدىكەن. ئىگىلىنىشچە، خان سارىيى موزېيى 2014- يىلى 12- ئايدىن باشلاپ، ساياھەتنىڭ سۇس پەسلىدە، ھەر ئاينىڭ تۇنجى چارشەنبە كۈنىدە ھەقسىز ئېچىۋىتىش كۈنى قىلىپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىكەن. پىلان بويىچە، 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى، 2- ئاينىڭ 4- كۈنى، 3- ئاينىڭ 4- كۈنى ۋە 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ئوقۇتقۇچىلار، ئالىي مەكتەپ-تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە ج خ ساقچىلىرى، تىببىي خادىملار، پىدائىيلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن. بۇنىڭدا موزېينىڭ ئىجتىمائىي تەربىيە فونكىسسىيەسىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، بېسىمنى يىنكلىتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، قىسمەن ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى ئېكىسكۇرسىيەنىڭ بېسىق مەزگىلىدىن ساقلىنىشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ ياخشى ئېكسىكۇرسىيە مۇھىتى ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتى يارىتىش مەقسەت قىلغانكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر