باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشلىق مېلودىيەسى مەڭگۈ ياڭرايدۇ

2014.07.24 13:12         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دۇڭخەي فىلوتى مەلۇم مۇداپىئە رايونى ئالاقە پونكىتىنىڭ 2 – ئوتتۇرا ئەترىتىدە، شىنجاڭلىق سەككىز ئايال ئەسكەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدۇق...

  جېنىم دادا، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ مانا ھازىر قىزىڭىز شەرەپ بىلەن دېڭىز ئارمىيەسىدە ئالاقىچى ئەسكەر بولدى...

  2014 – يىلى چاغان ھارپىسىدا، ئوتتۇرا ئەترەت ‹‹ئاتا – ئانىلارغا سالام يوللاش›› پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغانىدى. شۇ چاغدا ئالتايدىن كەلگەن خىڭبات قورلاس كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ ۋاقىتسىز تۈگەپ كەتكەن دادىسىغا خەت يازغانىدى.

  خىڭباتنىڭ دادىسى ئىلگىرى چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى ئىدى، ھايات ۋاقتىدا قىزىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئەسكەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن خىڭبات دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.

  2012 – يىلى يازدا خىڭباتنىڭ دادىسى يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، خىڭباتنىڭ قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئەسكەر بولۇش يولىغا ماڭدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا خىڭباتنىڭ قىسىمدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن، مۇنەۋۋەر ئەسكەر بولۇپ باھالاندى.

  توقسۇن ناھىيەسىدە چوڭ بولغان شەھىدە تۇرسۇن قىسىمغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 2 – يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇ قىسىمغا كىرگەندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىپ، ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشنى نىشان قىلىپ تاللىدى.

  قەشقەردىن كەلگەن ئۆزبېك قىز مەرھابا مۇراتنىڭ كىچىك ئاپىسى، كىچىك ئاتىسى ۋە ئاكىسى ئىلگىرى ئەسكەر بولغانىدى، ئۇ كىچىك ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغاچقا، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ھەربىيلەرگە خاس سالاپىتى، پەرزەنتلىرىنى ھەربىي تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇشى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، قەلبىدە چوڭ بولغاندا ئەسكەر بولىمەن، دەيدىغان ئىستەكنى تۇغدۇرغانىدى.

  مەرھابا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، يۇرتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنىلا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، شاڭخەيدە ئالاقىچى ئەسكەر بولۇشنى تاللىدى. باشقىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسكەر بولىسىز، دېگەن سوئالىغا، ئۇ: كېيىنچە خىزمەت تېپىشىمغا پۇرسەت بار، بىراق يېشىم چوڭىيىپ كەتسە، ئەسكەر بولۇش ئارزۇيۇم يوققا چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا ھازىر ئەسكەر بولۇش يولىنى تاللىدىم، دەپ جاۋاب بەردى.

  قازاق قىزى كۈلجەننەت مۇھەممىدى باشقا قىزلارغا ئوخشاش ئاتا – ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ئىدى. ئۇ قىسىمغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇ يەردىكى قاتتىق قائىدە – تۈزۈملەرگە، جاپالىق مەشىقلەرگە ۋە جىددىي تۇرمۇشقا پەقەتلا كۆنەلمىدى. شۇ چاغدا مۇۋەققەت ليەنجاڭ جاۋ چۇنۋېي كۈلجەننەتنىڭ ئەھۋالىدىن ئەينى يىللاردىكى ئۆزىنى كۆرگەندەك بولدى. كۈلجەننەت بىلەن سىردىشىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا كۆپلەپ خىزمەت ئىشلىدى. ئەترەتتىكى رەھبەرلەرنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە، ئۇ نازۇك مىجەزىنى تاشلاپ، جاپالىق ئۆگىنىش ۋە مەشىقلەرگە تەدرىجىي كىرىشىپ كەتتى. ھازىر كۈلجەننەت خەنزۇ تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، ئەترەت تەشكىللىگەن كەسپىي ئىمتىھانلاردا ئارقىدا قالمايدىغان بولدى.

  يېڭى ئەسكەر ئامانگۈل ياسىن 1993 – يىلى تۇغۇلغان ئىدى، ئۇ قىسىمغا دەسلەپ كەلگەندە تەكرار مەشىق، قاتتىق تۈزۈم، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى نەزەرىيەۋى بىلىملەر ئۇنى بەكمۇ زېرىكتۈرگەنىدى. بۇنى سەزگەن يېتەكچى ۋاڭ ياڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى. ئىككىسى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە مەشىق قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامانگۈلنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولدى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆگىنىپ، تېزلا مۇستەقىل نۆۋەتچىلىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  ئالاقە پونكىتىنىڭ يېتەكچىسى جاڭ شىڭشى مۇنداق دېدى: بۇ نازۇك قىزلار قىسىمغا كەلگەندىن كېيىن نازۇكلۇقىنى تاشلاپ، ئۆزىنى تەقدىم قىلىشنى، تىرىشىپ ئالغا بېسىشنى ئۆگەندى.

  ئىلمىنۇر مۇھەممەدئېلى قىسىمغا كەلگەندىن كېيىن، شەرەپ تاختىسىدىكى ۋالىلداپ تۇرغان مېداللارنى كۆرۈپ، بۇ يەردىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى بىردىنلا چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى. شۇ چاغدا ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق يازغانىدى: مەن ئارزۇيۇم يولىدا تىرىشىپ تېخنىكا ۋە ماھارەت ئۆگىنىپ، بوران – چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قەيسەر جەڭچى بولىمەن.

  يېڭى ئەسكەرلەر مەشىقلەندۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، كەپشەرلەش تېخنىكىسى مەشىقنىڭ مۇھىم بىر تۈرى قىلىپ كىرگۈزۈلگەنىدى، ئەسكەرلەر سەككىز مىنۇتتا بىر يۈرۈش كەپشەرلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولمىسا بولمايتتى. شۇ چاغدا ئىلمىنۇرغا بۇ كەسپىي ماھارەتنى ئىگىلەش تەسكە توختىدى. دەسلەپ مەشغۇلات باشلانغاندا، ئۇنىڭ سايمان تۇتقان قولى تىترەپ، كەپشەرلەشنى پەقەتلا ئەپلەشتۈرەلمىدى، ھەرقانچە تىرىشىپ باقسىمۇ مەغلۇپ بولاتتى. ليەنجاڭ ئىلمىنۇرنىڭ قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئاسانراق كەسىپكە ئالماشتۇرۇپ قويماقچى بولدى. لېكىن جاسارەتلىك قىز مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىدى، كۈندە مەشىق ئۆيىدىن چىقماي، توك داغمالنى قولىغا ئېلىۋېلىپ تىنماي مەشىق قىلدى. نەتىجىدە، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە كەپشەرلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. ئىككى ئايدىن كېيىن ئىلمىنۇر بۇ يەردىكى تۈرلۈك ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى.

  ئالاقىچى ئەسكەرگە تەلەپپۇزى يېقىملىق بولۇش، مۇئامىلىسى قىزغىن بولۇش تەلىپى قويۇلاتتى، بۇ جەرياندا ئۇلار جاپالىق مەشىقلەرنى باشتىن كەچۈرەتتى. شۇڭا بۇ قىزلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ كەينىگە نۇرغۇن كۆز ياشلىرى يوشۇرۇنغانىدى.

  يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەر تۇرنانە تۇرغۇن دىسپېتچېرلىك كەسپىنى بېجىرىۋاتقاندا، سىگنال راۋان بولمىغاچقا، قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭقىرالمىغانىدى، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا بىر ھازا كايىپلا كەتتى. تۇرنانە شۇ چاغدا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈردى. قارشى تەرەپ ئەھۋالنى بىلىپ، ئالايىتەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى، لېكىن ھەرقانداق ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان تۇرنانە خاتالىقىنى يەنىلا ئۆزىدىن كۆردى، كەسپىي سەۋىيەم يۇقىرى بولغان بولسا، بۇنداق خاتالىقمۇ سادىر بولمايتتى، دەپ قارىدى. قاتتىق تەلەپنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىككى يىللىق ئەسكەرلىك ھاياتىدا تۇرنانەنىڭ نۆۋەتچىلىك خاتىرىسى ‹‹خىزمەتتىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى›› دېگەن باھالار بىلەن تولدى.

  دۇڭخەي فىلوتىنىڭ مۇداپىئە رايونىدىكى سەككىز شىنجاڭلىق ئايال ئەسكەر ۋەتەنگە بولغان سادىقلىقى ۋە چىدامچانلىقى بىلەن ئۆزگىچە قىممەت يارىتىپ، گۈزەل ياشلىق مېلودىيەسىنى ياڭراتتى، ئەسكەرلىك ھاياتى ئۇلاردا ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر