باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەخسۇس مەبلەغنى تەخسىملەشتە ئادىل بولۇش كېرەك

2014.07.24 22:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاممىۋى قاتناش شىركەتلىرى ماي باھا تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلغاندا جەزمەن شۇ جايدىكى قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزىشى كېرەك. مۇخبىر تەكشۈرۈشتە قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان قىسمەن تارماقلارنىڭ يەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتى مۈشكۈل، يەرلىككە مەركەزدىن كۆپرەك مەبلەغ ھەل قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئاممىۋى قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك، دېگەننى باھانە قىلىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرى مەلۇم قىلغان مەلۇماتلارنى شەكىل ئۈچۈنلا تەكشۈرىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىلكىدىكى قىسمەن ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرى ئەسلىدىنلا قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسىغا بىۋاستە قاراشلىق ئىكەن. مەسىلەن: بىڭجۇ شەھەرلىك ئاممىۋى ئاپتوموبىل شىركىتى بىڭجۇ قاتناش تىرانسىپورت ئىدارىسىگە قاراشلىق بولۇپ، شىركەتنىڭ خادىملىرىنى، مالىيىسىنى، مۈلكىنى قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسى باشقۇرىدىكەن. شۇڭا يىلدا ماي باھا تولۇقلىمىسى ئۈچۈن، ئاپتوموبىل سانىنى ساختا مەلۇم قىلسىمۇ روخسەت قىلىدىكەن. نىڭياڭ شەھەرلىك قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ ساختىلىق قىلىشىغا ماسلاشقاندىن كېيىن ھەتتا قەرز ئېلىش نامى بىلەن ئالداپ ئېلىنغان تولۇقلىمىدىن 3 مىليون 467 مىڭ يۇەننى ئېلىۋالغان.

  مەخسۇس تۈر مەبلىغى جەھەتتە، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە يەنە مەخسۇس مەبلەغ گىرەلەشمە قايتىلىنىش، كۆپ تەرەپلىك باشقۇرۇش، قاتلاممۇ قاتلام تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلىك ئىكەنلىكى بايقالدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى ئېنىق بىر مىسال ئىقتىسادى تەپتىش دوكلاتىدا سۆزلەنگەن. دېھقانچىلىق ئورمانچىلىق سۇ ئىشلىرى قاتارلىق 66مەخسۇس تۈرگە توققۇز مەركەز تارمىقى، 50نەچچە مەھكىمە ئىدارە، 114باشقارما ئىشخانا تەخسىملەپ باشقۇرۇشقا قاتناشقان، ئۆلكىگە بارغاندا يەنە 20نەچچە مەسئۇل تارماققا چېتىلغان، ئۆلكىدىن تۆۋەنگە چۈشكەندە يەنە قاتلاممۇ قاتلام تەستىقلانغان.

  مەخسۇس مەبلەغنى تەخسىملەشتە ھەرقايسى تارماقلار تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقوقى بولۇشىنى ئويلايدۇ. بىراق ناۋادا تەخسىملەپ ئىشلىتىشتە خاتالىق كۆرۈلسە، مەسئۇل سوبيېكت ئېنىق بولماسلىق، مەسئۇليەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئوبىكتى بولماسلىق، مەسئۇليەتنى سۈرۈشتۈردىغان سوبيېكت بولماسلىق ئەھۋالى دائىم كۆرۈلدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ھەرقايسى تارماقلار ئارىسىدا ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا مالىيە تەخسىملەش ھوقوقى جاۋاپكارلىقى مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن ئايدىڭلاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى. مەركىزىي مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋىرستىتى مالىيە ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يوڭجۈن مۇنداق دېدى: ھازىر كىشىلەر مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ھوقوقى خىزمەت ھوقوقىنى ئېنىق ئايرىشقا بىر قەدەر كۆڭۈل بۈلىۋاتىدۇ، بىراق بىز ھەر بىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت فونكىسيىلىك تارمىقى ئوتتۇرىسىدىكى ۋە مالىيە تارماقلىرى بىلەن فونكىسيىلىك تارماقلار ئوتتۇرسىدىكى ھوقوق ۋە مەسئۇليەتكە يەنە قانداق دائىرە بەلگىلىندىغانلىقىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيمىز، بۇ يىلقى ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدا بۇ مەسىلە بەك ئوبدان ئوتتۇرغا قويۇلدى، مېنىڭچە بۇندىن كېيىنكى ئىسلاھاتقا ناھايىتى ياردىمى بولىدۇ. ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى مالىيە ئىقتىساد ئىستراتىگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى گاۋ پېييوڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تەپتىشلىك خىزمىتىنى دۆلەتنىڭ تۈزەش ئومۇمىي نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىشلىشىمىز. ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى دۆلەتنىڭ تۈزەش سېستىمىسىنىڭ بىر مۇھىم تەشكىلىي تارمىقى دەپ بىلىشىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مىكرو قاتلام مەسىلىسىنى ماكرولاشتۇرغان بولىمىز. مېنىڭچە بۇ بىر خىل ئورگانىك بىرلىشىش، بۇ دۆلەتنىڭ تۈزەش سېستىمىسى، تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زۆرۈر مۇھىم تەرەپ.

  بىر قولدا قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ مۇھىم چوڭ مەسىللەرگە زەربە بېرىش ۋە تۈزەش، چىرىكلىشىشنى جازالاشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قولدا تۈزۈلمىلىك، مېخانىزىملىق تۈزۈملىك مەسىللەرنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىقتىسادىي تەپتىششلىك خىزمىتىنى ئىككىلا قولدا چىڭ تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش پىرىنسىپىنى نامايەن قىلدى. بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلىك بەلگۈلىمىسىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش، تۆت خائىشنى تۈزەش سالمىقى مىسلىسىز بولغان. قىل دىگەننى قىلماسلىق، قىلما دىگەننى قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا ئىقتىسادىي تەپتىشلىكمۇ نۇرغۇن كونكرت تەكلىپلەرنى بەردى. بىراق تۈپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ئىنكاس قىلغان مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلىك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سېستىملىق ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ھەر بىر ئىسلاھات تەدبىرىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش شۇنداقلا دۆلەتنى تۈزەش سېستىمىسىنى ھەقىقىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر