شۇ يەر ۋاقتى 21–ئىيۇل ، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH17 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا نەچچە پارچە سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان .
سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 17–ئىيۇل سائەت 11:32 (ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى) دە ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ‹‹بوك دەرىخى ›› باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئاپتوموبىلى دونېتسكقا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان زاروسىن كەنتىدە پەيدا بولغان . 18–ئىيۇل سائەت 11:39 (ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن) دە ، ئوخشاش رايوندىن تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ‹‹بوك دەرىخى›› باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئاپتوموبىلى كۆرۈنمىگەن .