باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن كىچىك خەزىنىنىڭ ھەممىسى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كىرىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە

2014.07.24 22:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن كىچىك خەزىنىنىڭ ھەممىسى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كىرىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. مەركەز ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنى قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن بىرگە، «كىچىك خەزىنە»نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى ھېسابات سىرتىدا تەسىس قىلىنغان 194مىليون يۈەنلىك كىچىك خەزىنىنى بىر تەرەپ قىلدى، بىراق مەركەزدىكى پەقەت بىرلا شۇ دەرىجىلىك مىنىستىرلىك چېتىلغان بولۇپ، قالغان 34 نىڭ ھەممىسى تەۋە ئورۇنلار ئىكەن. مەركەزدىكى شۇ دەرىجىلىك مىنىستىرلىقلاردا «كىچىك خەزىنە» ئاساسەن تۈگىتىلدى. ئەمما قىسمەن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەۋە ئورۇنلىرىدا يەنىلا تەلەي سىناش ئىدىيىسى مەۋجۇت. مەسلەن داتاڭ گۇرۇھىغا تەۋە ئىككى شېركەت ئۆز ئالدىغا 2مىليون يۈنلىك «كىچىك خەزىنە» تەسىس قىلىپ، ھەممىسىنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملارغا مۇكاپات تارقىتىشقا ئىشلەتكەن. كۆپچىلىك قالايمىقان پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسىگە دېققەت قىلىش بىلەن بىرگە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ زىيان تارتىش مەسىلىسىگە تېخىمۇ دېققەت قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇھىم ئىشلارغا قارار چىقىرىش، مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش، مۇھىم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، زور سوممىلىق مەبلەغنى ئىشلىتىشتە چوقۇم كوللىكتىپ قارار چىقىرىشى كېرەك، بۇ قىسقارتىلىپ «3 چوڭ ، 1 مۇھىم» دەپ ئاتىلىدۇ.

  ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش دوكلاتىدا ئاشكارلىنىشىچە، تاللاپ تەكشۈرۈگەن 11دۆلەت كارخانىسىنىڭ 791تۈرلۈك زور تەدبىرلىرى ئىچىدە، 230 تۈردە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش، مۇمكىنچىلىك تەتقىقات ئىسپاتى كەمچىل، ھەمدە قارار مەزمۇنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىقتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى يوشۇرۇن زىيان 13مىليارت 468مىليون يۈەن بولغان. مەسلەن، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شېركىتىنىڭ نېفىت تەبىئىي گاز ئېچىش، قوشۇۋېلىپ قايتىدىن تەشكىللەش، دۆلەت مۈلكىنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق تەرتىپلىرىدە، كارخانىنىڭ بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلىرى ھوقۇقىدىن قالايمىغان پايدىلانغان. قائىدىگە خىلاپ ھالدا قارار چىقارغان ھەتتا پۇقراۋى كارخانا ۋە شەخىسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، دۆلەتنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالغان.

  ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتىن كېيىن جاۋابكارلىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، بۇ يىل 1-مايغىچە، دۆلەت كارخانىلىرىدا 190 نەپەر مۇناسىۋەتلىك جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 32 نازارەت دەرىجىلىك كادىر بار بولۇپ، ئىقتسادىي تەپتىش ئورگىنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن شەخىسلەرنى تازىلاش بىلەن بىرگە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ئورۇنلانىمۇ بىرتەرەپ قىلغان. بۇ قېتىمقى ئىقتسادىي تەپتىش دوكلاتى بىر قىسم مەركەز ئورۇنلىرى باشقۇرىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە تەۋە ئورۇنلارنىڭ مەمۇرىي مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتىش قىلمىشىنى رەتلەپ چىقىپ ئاشكارلىدى. ئىقتسادىي تەپتىشلىكتە بايقىلىشىچە، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دۆلەت زىمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13ئورۇن باشقۇرغان 35ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە 61تەۋە كەسپىي ئورۇن، ئۆز ئورۇنىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق قائىدىگە خىلاپ ھەق يىغىش، تەستىقلاشتىن ئۆتكۈزمەي باھالاش، ھەقلىق ئوچۇر بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن 2مىليارت 975مىليون يۈەن كىرىم قىلغان. مالىيە-ئىقتىساد ئونۋېرسىتىتى مالىيە-ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدىمۇ مۇشۇنىڭدەك مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان. بۇ يىلقى ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدا تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلدى. بۇ ئېنىق بىر سېگنال بەردى. مېنىڭچە ھۆكۈمەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىۋاتىدۇ. چىرىكلىك پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى مەمۇرىي تارماقلار ناھايىتى كۆپ ھوقوقنى ئىگىلىگەن. يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقوقلىرى ئانچە كۈچلۈك نازارەت قىلىنمىغان. ھوقوق چوڭ يەنە كېلىپ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەمچىل بولغاندا، چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئاسان پەيدا بولىدۇ ھەم كېڭىيىدۇ.

  مەركەزگە قاراشلىق مىنىستىرلىق، كومتېتلار باشقۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە بۇلارغا قاراشلىق ئورۇنلار پايدا ئالمايدىغان جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتىرىدىكى تەشكىلاتلار بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇلار پايدىنى كۆزلەپلا قالماستىن يەنە تۈرلۈك نامۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇل تاپقان. مەسىلەن، جۇڭخۇا تىببىي ئىلىم جەمئىيىتى چاقىرغان 160ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئېلان، كۆرگەزمە ئورنى بىلەن تەمىنلەش، دوختۇرلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى تەمىنلەش، ئۇچۇر رويخەتكە ئالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 200مىڭ يۈەندىن 1مىليون يۈەنگىچە باھادا ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلىك سالاھىتىنى ئاشكارە رويخەتكە ئالدۇرغان، تىببىي دورا كارخانىلىرىنىڭ 820مىليون يۈەن ياردىمىنى قوبۇل قىلغان. تەستىقلاتمايلا 19مىليون 654مىڭ يۈەن سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ تەربىيەلەش ھەققىنى يىغقان. 618قېتىملىق داۋاملىق تەربىيەلىنىش تۈرىدىن كىرگەن 114مىليون يۈەننى ھېساباتقا كىرگۈزمىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر