خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 21-ئىيۇل، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرونىڭ ھەمراھلىقىدا كاراكاستا دىئۇنا مەھەللىسى تۇرالغۇ تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
شى جىنپىڭ بىلەن مادۇرو قۇرۇلۇش مودېلى ئالدىغا كېلىپ، شىركەت مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. بۇ قۇرۇلۇش جۇڭگو بىلەن ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇھىم ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، 13 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سېلىنىپ، ۋېنېسۇئېلادىكى تۆۋەن كىرىملىك شەھەر ئاھالىلىرى تەمىنلىنىدۇ. جۇڭگو جۇڭشىن قۇرۇلۇش شىركىتى 2012-يىلىدىن باشلاپ قىسمەن تۇرالغۇ، مەكتەپ، يەسلى ۋە شىپاخا قاتارلىق يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان، ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش بۇ يىل تاماملىنىدىكەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى