باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىش

2014.07.24 22:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەھىيە مىنىستىرلىقى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش تەتقىقات ئورنى سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە توپلىغان دوختۇرخانىلارنىڭ دورا ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى تىببى دورا بازىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش شىركىتىگە سېتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 35مىليون 271مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چېڭيەن مۇنداق دېدى: بۇ تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرى ئۆزىمۇ ساقلىنالمىغان ھالدا ھۆكۈمەت ھەركىتى خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ بەئەينى 2-ھۆكۈمەتكە ئوخشايدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا بۇ تەشكىلاتلارنى ھەم ھۆكۈمەت قولى ھەم بازار قولىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. ھازىرقىدەك بىر تەندە بۇ ئىككى قول بولۇپ، ھەممە ئىشنى قىلسا، يەنە كېلىپ بۇ ساھە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلمىسا چىرىكلىك كۆپلەپ يۈز بېرىدىغان خەتەرلىك ساھەگە ئايرىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلاھ قىلىش، ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن ئايرىش، ئۇلارنى مۇستەقىللىققا ئىگە قىلىش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي تەپتىش داۋامىدا، بايقالغان، ھەم تەپتىش ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تىگىشلىك قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنغان چوڭ دىلو ۋە دىلو يىپ ئۇچلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، 314گە يەتكەن. بۇنىڭغا چېتىشلىق ئادەم 1100دىن ئاشقان. بۇ دىلولار ئاساسلىقى ھوقوق بىرقەدەر مەركەزلەشكەن ھەم مۇھىم دۆلەت مۈلۈكلىرى، بايلىقلارنى باشقۇرىدىغان ئورۇن ۋە تارماقلاردا يۈز بەرگەن، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى نۆۋەتتىكى چىرىكلىكنىڭ 3خىل ئالاھىدىلىكىنى يەكۈنلەپ چىقتى. بۇ ئالاھىدىلىكلەر بىرىنچىدىن، كوللىكتىپ چىرىكلىشىش مەسىلىلىرى ئېغىر بولغان. ئىككىنچىدىن، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش شەكىللىرى تېخىمۇ يوشۇرۇن بولغان. ئۈچىنچىدىن، ھوقوق-پۇل سودىسىدىن ئۇزاققىچە پايدا ئالغىلى بولىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. بۇ ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەش تېخىمۇ قېينلاشقان.

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق تۇتقاندىن باشقا، يەنە مالىيە مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋە باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. مەركەز كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەپ، ئاجىزلارتوپىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ھەر يىلى زور مىقداردا مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىدۇ. ئەمما بەزى تارماقلار، بەزى كىشىلەر بۇ مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئازراقتىن يېيىش كويىدا بولغان. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ماي باھا تولۇقلىمىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلمىسى قاتارلىق 6تۈرلۈك گۇمانلىق تۈرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەندە، بۇ تۈرلەرگە بېرىلگەن تولۇقلىمىنىڭ ٪40گە يېقىن قىسمىنىڭ ئالداپ ئېلىنىۋىلىنغانلىقىنى بايقىدى. دوكلاتتا شەندوڭدىكى ئۈچ ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ 160مىليون يۈەن ماي باھا تولۇقلىمىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى ئېيتىلدى. ئىقتىسادىي تەپتىش خادىمى بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ ئالداپ ئېلىۋالغان ماي باھا تولۇقلىمىسىنىڭ نىسبىتى ٪40تىن ئاشقانلىقىنى، نىڭياڭدىكى شىركەتنىڭ ٪80تىن ئېشىپ بىڭجۇ شەھىرىدىكىسىنىڭ ٪49كە، شىنتەيدىكىسىنىڭ ٪42 كە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

  بۇ ئۈچ ئاممىۋى قاتناش شىركىتى كۆپرەك ماي باھا تولۇقلىمىسى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتوبۇس نومۇر تاختىسى توقۇپ چىقىش، باشقا شىركەت ئاپتوبۇسلىرىنىڭ نومۇر تاختىسىنى سۈيئىستىمال قىلىش، بىراك قىلىنغان ئاپتوبۇسلارنىڭ نومۇر تاختىسىنى قايتا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن شىركەتنىڭ قاتناۋاتقان ئاپتوبۇسلىرىنىڭ سانىنى كۆپ مەلۇم قىلغان شۇنىڭدەك ئاپتوبۇس قاتنايدىغان لېنىيە، قاتنايدىغان ۋاقتى، ماڭغان مۇساپىسى، يىللىق ماي سەرپىياتى قاتارلىق مەلۇماتلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغان. 2010-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، يىلدا ساختىلىق قىلىپ تولۇقلىما ئالداپ ئالغان ھەمدە بارغانسېرى ھەددىدىن ئاشقان. مەسىلەن: بىڭجۇ شەھىرىدە 2009-يىلى 300 ئاپتوبۇس بار بولۇپ 40 نەچچىنى ئارتۇق مەلۇم قىلغان. لېكىن 2012-يىلى ئەللىك نەچچە پىرسەنت ئارتۇق مەلۇم قىلغان. ئەينى چاغدا ئۇلار قورقماي 709دىن كۆپرەك ئاپتوبۇس بار دەپ يالغان مەلۇم قىلغان. ئۇنداقتا 40نەچچىنى ئارتۇق مەلۇم قىلغاندىن بىراقلا 700نەچچىنى ئارتۇق مەلۇم قىلغىچە، كىم تەلۋىلەرچە ساختىلىق قىلىپ تولۇقلىما ئالداپ ئېلىشقا يول قويىۋاتىدۇ؟

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر