باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلاننىڭ كۈچىنى نامايان قىلايلى

‐‐‐ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىن ئومۇمىيەتكە نەزەر (1)

2014.07.23 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشتى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 7 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئاھالە ئىستېمال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشتى... مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادى ئالدىنقى يېرىم يىلدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ مەركەزنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، توغرا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ياخشى ئىقتىسادىي ئاساس سالدى.

  ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئەستايىدىل كۆرسەك شۇنى بايقايمىزكى، «مۇقىملىق» ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، «ئىلگىرىلەش» قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە گەۋدىلەنگەن. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، 2014-يىلىغا كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئىقتىسادىدىكى چېكىنىشنىڭ تەسىرىدىن مۇھىت ناچار، يول جاپالىق بولدى. ئىچكى جەھەتتە كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئازابى ۋە ئۈچ مەزگىل تەڭ كېلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، تاشقى جەھەتتىن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانى ئەگرى-توقاي ۋە جاپالىق بولۇپ، ئېكسپورت ئېھتىياجى پەسكويغا چۈشۈپ

  قالدى. خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت پايدىسىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئېقىمغا قارشى ئىلگىرىلەش-ئىلگىرىلىيەلمەسلىكى، ئىنتىلىش كۈچى ۋە سالماقلىقىنى ساقلاش-ساقلىيالماسلىقى نۇرغۇن كىشىنى ئەندىشىگە سالغانىدى. يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئېلىمىز ئىقتىسادى ھەرىكىتى ھېلىھەم مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالدى، ئېشىش سۈرئىتى يىل بېشىدا بەلگىلەنگەن تەخمىنەن %7.5 لىك مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە بولدىم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئىچكى ئېھتىياج ئېشىشنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندى، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى يەنىمۇ كۈچەيدى، شەھەر-يېز ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىدى، ئېنېرگىيە تېجەش-بۇلغىما ئازايتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، بىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىمىز، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىشىمىز لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر