باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىش ئەھۋالى

2014.07.24 22:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئىقتىسادىي تەپىتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ سەنيى گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا 2013-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى 9چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مەركەز سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى نوقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە ئىقتىساد ئىستىراتېگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى گاۋ پېييۇڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مالىيە مەبلىغى بىخەتەرلىكى قوغدىلىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى قېلىپلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. شۇڭا، بۇ قېتىم بۇرۇنقىغا قارىغاندا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاشكارىلىنىپ ئالغا قاراپ زور بىر قەدەم تاشلاندى.

  مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى مەيىن شامال ئېلىپ كەلدى، ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنىمۇ چىڭىتتى. ئۇنداقتا بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ ئامما بىردەك چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتىكى شەمشەر دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى بۇ قېتىم مەركەزدىكى مىنسىتىرلىق، كومىتېتلارنى تەپتىش قىلىپلا قالماي، يەنە بۇلارغا قاراشلىق بارلىق ئورۇنلارنىمۇ تەپتىش قىلدى؛ ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنى تەپتىش قىلىپلا قالماي، يەنە يىغىن خىراجىتىنىمۇ تەپتىش قىلدى. بارلىق ئىنچىكە ھالقىلارنى تىزىپ چىقىپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلدى. مەركەز مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتى مالىيە ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتىدا ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنىڭ دائىرىسى بۇرۇنقىدىن كېڭەيدى، ھۆكۈمەت پۇلىغا مېھمان قۇبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلگە چىقىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. 2012-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، مەركەزدىكى مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ تۆت خىراجەتگە مالىيە چىقىمىدىن پۇل ئاجرىتىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ٪20كە يېقىن تۆۋەنلىگەن. تۆت خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىدە ساقلانغان مەسىلىنىڭ ٪70ى تەۋە ئورۇنلاردا بولۇپ، مەسىلە تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ.

  ئىقتىسادى تەپتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ–ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتۇموبىلىنى ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئۈچ تۈر روشەن تۈردە كونتىرول قىلىنغان. بولۇپمۇ ھۆكۈمۈت پۇلىغا يەپ–ئىچىش مەسىلىسىنى كونتىرول قىلىش ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان. تەپتىش قىلىش جەريانىدا قىسمەن مىنىستىرلىق ۋە كومېتىتىلار ۋە ئۇلارغا قاراشلىق ئورۇنلاردا دۆڭگەپ قويۇش، سېلىق سېلىش، تۈرنى ئۆز ئالدىغا تەڭشەش ياكى ھۆكۈمەت پۇلىغا مېھمان كۆتۈۋېلىش مەسىلىلىرى بايقالغان بولۇپ، قائىدىگە خىلاپ سومما 2مىليون 668مىڭ 500يۈەنگە يەتكەن. خەجلەنگەن پۇل سوممىسىدىن قارىغاندا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ–ئىچىش قىلمىشى ئازايغان بولسىمۇ، بۇنىڭ يوشۇرۇنچانلىقى كۈچەيگەن.

  ھۆكۈمەت ئاپتۇموبىلىنى ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلگە چىقىش مەسىلىسىدە ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، قىسمەن مىنىستىرلىق ۋە كومېتىتىلار ۋە ئۇلارغا قاراشلىق ئورۇنلاردا نورمىدىن ئارتۇق شىتات، ئۆلچەمدىن ئارتۇق سەپىلىمە ھەمدە ھۆكۈمەت ئاپتۇموبىلىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا سەپلەش ئەھۋالى مەۋجۇد، شۇنداقلا ھۆكۈمەت خىراجىتىگە چەتئەلگە چىقىش، تۈرلۈك باھانە– سەۋەبلەر بىلەن ھۆكۈمەت خىراجىتىغا شەكلى ئۆزگەرگەن ساياھەت قىلىش ئەھۋاللىرى ئاندا-بۇندا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، جوڭگۇ گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «ئامېرىكا ۋە كانادا سىلانتىس گېزى تېخنىكىسىنى تەكشۈرۈش ئۈمىكى» ئامېرىكىدىكى سەپىرىنى ئۆزگەرتىپ، لاسۋىگستا ئۈچ كۈن تۇرۇپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كىيىن، كانادادا تەكشۈرۈشتە بولدۇق دېگەن. دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى ئىدارىسى 2012-يىلى ئورۇنلاشتۇرغان «مىنىستىرلىقتىن ھالىقىغان جەنۇبىي قۇتۇپ سەددىچىن پۇنكىتىنى تەكشۈرۈش ھال سوراش باشقارما باشلىقلىرى ئۆمىكى»نىڭ سەپىرىگە 11كۈن تەستىقلانغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە سەپىرى 13 كۈن بولۇپ فىرانىسىيە بىلەن چىلىدە ئالتە كۈن تۇرغان، ئەمەلىي تەكشۈرۈش پەقەت ئىككى كۈن بولغان. بېيجىڭ ئونۋىرسىتىتى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چىڭيەن مۇنداق دېدى: سەككىز بەلگىلىمە ۋە ئاممىۋىي لۇشىيەندىكى تۆت ئىستىل يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئەمەلىيەلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا شامالغا قارشى دېلولارنىڭ يەنە داۋاملىق يۈز بېرىشى بىزنىڭ دېققەت قىلىشمىزغا ئەرزىيدۇ.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ھەممە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك قائىدىلەرنى ئوتتۇىغا قويۇپ، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى سېلىشنى بىردەك چەكلىدى. جايلار قاتتىق رىئايە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار ئاندا-ساندا يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەسلەن، ئورمانچلىق ئىدارىسى قارمىقىدىكى داشىڭ ئەنلىن ئورمانچلىق گۇرۇھى شېركىتى 145مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سەنيا كۈتىۋىلىش ئورنىنى قۇردى. خەلق ئاۋئىاتسىيەسى ئىدارىسى خاربىن تەيپىڭ خەلقئارا ئايدىرومى بوشلۇقىنى باشقۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى 6250كۇۋادىرات مېتىرلىق ئونۋېرسال مۇلازىمەت بىناسىنىڭ دەسلەپكى لايھىسىنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلىغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ٪80تىن ئارتۇق كۆلەم ئاشۇرۇۋېتىلگەن. بېيجىڭ ئونۋىرسىتىتى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چىڭيەن مۇنداق دېدى: ئىقتىسادى تەپتىش ئىنتايىن مۇھىم. 1. جوڭگۇنىڭ يېڭى رەھبەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، 2. ئىقتىسادى تەپتىشلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تەلەپ بويىچە تۈزىتىش، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاساسلىقى توغرا بولغان سىياسەت ۋە ھەرىكەتلىرىمىزنى ئادەتكە، ئاددى-ساددا ، پاك – دىيەنەتلىك بولۇش مەدەنىيىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر