باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپەتلەردىن ساقلىنىپ زىياننى ئازايتىشىمىز كېرەك

2014.07.24 22:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياز كىرىشى بىلەنلا نۇرغۇن جايلاردا قارا يامغۇر ياغدى، مەركىزىي مىتىئورولوگىيە ئىستانسىسى ئۇدا 8كۈن قارا يامغۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بىرىش خەرىتىسىدە جياڭشى، جېجياڭ، گۇاڭدوڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى كۆك، قېنىق كۆك رەڭ بىلەن قاپلاندى. 24-ئىيۇندىن باشلاپ يامغۇر پەسەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇدا نەچچە كۈن ياققان قارا يامغۇر نۇرغۇن جايلاردا خەتەر پەيدا قىلدى.

  18-ئىيۇندىن باشلاپ، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگۇ ۋە غەربىي جەنۇپ، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن جايلاردا چاقماق چېقىپ، بوران چىقىپ، قىسقا ۋاقىت قاتتىق يامغۇر ياغدى. تۇيۇقسىز ياققان قارا يامغۇر نۇرغۇن شەھەر بازارلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. 22-ئىيۇن ئەتتىگەن سائەت 2دىن 2مىنۇت ئۆتكەندە، نەنچاڭ شەھىرى ۋەنلى رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى بىر تېلېفۇننى تاپشۇرۇۋالغان، ۋەنلى رايونلۇق بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئارقا دەرۋازىسىدىكى ئاھالىلار رايونىدا قارا يامغۇردا قاتتىق ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، سۇ بىسىپ كەتكەن جايلارنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى بىر مېتردىن ئاشقان. قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر قۇتقۇزۇش كىيىمى، جىددى ئەھۋال چىرىقى، ئارغامچا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي ئىزدىگەن، ئۇلار قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئاھالىلار رايونىدا، سۇ ئورنى پەرقى سەۋەپلىك ئۆينىڭ بىخەتەرلىك ئىشىكى تاقىلىپ قىلىپ، ئاساسلىقى ياشانغانلارنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار بىخەتەرلىك ئىشىكىنى مەجبۇرىي ئېچىپ، قاپسىلىپ قالغان ياشانغانلارنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

  ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر كۆپ قىتىم بىرىپ كىلىپ 3 سائەتتىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق، ئاخىرى قاپسىلىپ قالغان 18كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. شۇ كۈنى، جياڭشىنىڭ يۈشەندە، يەنرۇي بازىرىنى كېسىپ ئۆتكەن گەيشى دەرياسىنىڭ سۈيى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن، كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا، گەيشى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا جايلاشقان ياڭ جيابەن تەبىئىي كەنتى كەلكۈن بېسىپ كېتىپ، 42كەنت ئاھالىسى بىر مەھەل شۇ يەردە قاپسىلىپ قالغان، قۇتقۇزغۇچىلار قاراڭغۇدا كەنتكە كېلىپ قاپسىلىپ قالغانلارنى يۆتكىگەن.

  كەچ بولغاچقا، سۇ ئەھۋالى مۇرەككەپ، قولۋاق كەنتكە ئوڭۇشلۇق كىرەلمىگەن، قۇتقۇزغۇچىلار سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، كېمىنى تارتىپ، ھەربىر ئائىلىگە كىرىپ قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدىگەن. قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان يۈشەن ناھىيەسى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈنكۇن مۇنداق دېدى: ئۈچ قېتىم سىنىدۇق، ئەسلىدىكى يولدىن كىرىمىز دەپمۇ كىرەلمىدۇق. 23-ئىيۇن سەھەر سائەت ئىككىدە، قاپسىلىپ قالغان 42كىشىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۋېلىنغان ھەمدە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  ھازىر جەنۇبى جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى يامغۇر پەسلىگە كىردى. ئەمما بۇ يىل ھۆل-يىغىن غەربتىكى رايۇنلاردىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن ھاۋاسى قۇرغاق شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھرىدىمۇ 30 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن قاتتىق يامغۇر ياغدى، 18-ئىيۇندىن باشلاپ، قەشقەردە ئۇدا يامغۇر يېغىپ، ھۆل يېغىن مىقدارى 28 مىللىمېترغا يېتىپ، يىللىق يېغىن مىقدارى 70-80 مىللىمېتر كېلىدىغان قۇرغان جايلارنى سۈيى مول يەرگە ئايلاندۇردى.

  قەشقەر ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى ئۈچ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنى ئىشقا سېلىپ، يەتتە قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، ھەرقايسى ئاپەت نۇقتىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان. قەشقەر شەھىرى نىمكەش يانتېلېفون بازىرى ئەتىراپىدا سۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى بىر مېتردىن ئاشقان، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئاممىنى سۇ چىقىرۋېتىش ئېرىقى كولاشقا تەشكىللەپ، يىغىلىپ قالغان سۇنى دەرياغا باشلىغان. يامغۇر مىقدارى مەركەزلىك بولغاچقا، بۇ قېتىملىق يامغۇر قەشقەر شەھرىنىڭ ئورما ئورۇش، كېۋەز، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك كەسپىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

  22-ئىيۇن سائەت 11گىچە، فۇجيەن، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى تۆت مىليون 896مىڭ كىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچراپ، 26 كىشى ئاپەتتە ئۆلگەن، ئۈچ كىشى يوقاپ كەتكەن. ئاپەتتە ئۈچ مىليون 370مىڭ كىشى جىددىي يۆتكەلگەن. 115مىڭ كىشىنىڭ تۇرمۇشى جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولۇپ، 8700دىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. 66مىڭ ئېغىز ئۆي ئوخشمىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغان، 2مىليون 838مىڭ گىكتار يەردىكى يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ئاپەتكە ئۇچراپ،422مىڭ گىكتار يەردىن ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن، بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 4مىليارد 80مىليون يۈەنگە يەتكەن. 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ياغقان يامغۇر شەرقى شىمالدىن شەرقى جەنۇپقىچە يامغۇر بەلۋىغىنى ھاسىل قىلغان.

  مۇتەخەسسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ پەسىل چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىن رايونلىرىنىڭ كەلكۈن پەسلىگە كىرىدىغان مەزگىلى ئىكەن، گەرچە بۇ يىل جەنۇبقا كەلكۈن مەزگىلى كېچىكىپرەك كىرگەن بولسىمۇ لېكىن ئومۇمىي يامغۇر مىقدارى ئىلگىرىكى يىللارنىڭكىدىن كۆپ ئەمەس، بۇ قېتىمقى جەنۇبتا ياغقان يامغۇرنىڭ دائىرىسى كەڭ، داۋاملىشىشى ئۇزۇن، مىقدارى كۆپ، كۈچلۈك غەربى جەنۇب ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى شۇنداقلا شىمالى قىسىمدىن جەنۇبقا چۈشىدىغان سوغۇق ھاۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەركىزى مىتورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جڭ تاۋ مۇنداق دېدى: باش يازدىن تومۇزغا كىرگۈچە، ھىندى ئوكياندىن ئاساسلىقى بېنگال قولتۇقى شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ نەنخەي دېڭىزىدىن كەلگەن يازلىق شامال ھەم ئىللىق ھەم نەم بولۇپ، زور مىقداردا پار ۋە مۇقىمسىز ئېنىرگىيە ئېلىپ كېلىدۇ-دە، ناھايىتى كۈچلۈك ھۆل يىغىن پەيدا قىلىدۇ.

  مىتىورولوگىيە مۇتەخەسسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كەلكۈن پەسلىگە كىرگەندىن كېيىن چاقماق، قارا يامغۇر كۆپ بولىدىكەن، شەھەر بازار ئىچىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھۆلچىلىك ئاپىتىگە سېلىشتۇرغاندا، بەكرەك ئېغىر بولغىنى كۈچلۈك يامغۇردىن پەيدا بولغان لاتقا شىغىللىق ئېقىن، تاغ گۈمۈرلۈش قاتارلىق گىئولوگىيەلىك ئاپەتلەر. شۇڭا تاغلىق رايون، يېزا قاتارلىق رايونلار ئالدىن مۇداپىئەلىنىشكە بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك. ھازىرقى كەلكۈن ۋەزىيىتىگە قارىتا، دۆلەت قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش باش قوماندانلىق شىتابى 21-ئىيۇن سائەت ئوندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تۆتىنچى دەرىجىلىك جىددي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشلىغان، ھەمدە جەنۇبتىكى 11ئۆلكە، شەھەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، قاتتىق يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ قېتىمقى قاتتىق يامغۇردا گۇاڭشى رۇڭئەن ناھىيەسىدە ياغقان يامغۇر مىقدارى205مىللىمىتىرغا يەتكەن، قارا يامغۇر ياغقاندا، رۇڭئەن ناھىيەسى داپو يېزىسى داپو كوچىسى يېڭى تەرەققىيات رايونىدىكى دېھقانلار خەتەرلىك ئەھۋالغا قالغان.

  18-ئىيۇن ئەتىگەندە، بەزى دېھقانلار يامغۇرنىڭ بارغانسېرى ئەدەب كېتىشى بىلەن تاغدىن تاشلارنىڭ دۇمىلاپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان، دەسلەپ چۈشكەنلىرى ئانچە بەك كۆپ بولمىغان، لېكىن كېيىن ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. گۇاڭشى ليۇجۇ شەھىرى رۇڭئەن ناھىيەسى داپو يېزىسىدىكى ئامما شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دەسلەپ ئاز ئازدىن چۈشكەندە ئەمدى چۈشمەيدىغۇ دەپ ئويلىغانىدۇق، كېيىن ئىگىزلىككە چىقىپ قاراپ باقساق يېرىقنىڭ چوڭيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق، ئۆيگە كىرىپ نەرسە كېرەكلەرنى يۆتكەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدۇق.

  بۇ چاغدا رۇڭئەن ناھىيەسىدىكى چارلىغۇچىلار بۇ تاغنىڭمۇ گۈمۈرۈلۈش خەتىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، رۇڭئەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى دەرھال تەشكىللىنىپ، داپو يېزىسىدىكى 11ئاھالە، 168ئادەمنى يۆتكەپ، چېكىندۈرگەن. چېكىندۈرۈش ۋاقتىدا بولغاچقا ئادەم ئۆلۈش يارىلىنىش ئەھۋالى بولمىغان. يامغۇر پەسەيگەندىن كېيىن ئاھالىلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلىپ نەرسە كېرەكلىرىنى ئالغان، يەنە بەزى يەرلەردە لاي تاشلار چۈشۈشكە باشلىغان. ئۈستىگە تىكىلگەن شەمشاد ۋە باشقا كىچىك چاتقاللارمۇ تاغ گۈمۈرۈلگەندە تەڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ئاھالىلەر بىناسىدا لاي شېغىللار سىيرلىپ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىنى ئېچىپ قويغان. تاملارمۇ يېرىلىپ كەتكەن.

  ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىسىنى ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەت مۇۋاپىق ھەل قىلغان. داۋاملىق تۈردە كەڭ كۆلەملىك گۈمۈرۈلۈش خەتىرىنى ۋاقتىنچە يوقىتىش ئۈچۈن قۇتقۇزغۇچىلار يېرىقلارغا توپا تىندۇرۇش ۋە سۇلياۋ يۇپۇق يېپىشتەك تەدبىرلەرنى قوللانغان. يەرلىك ھۆكۈمەت يەنە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن يەرلەرنى 24سائەت نازارەت قىلغان، خەتەر يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى تارتقان، ئادەملەرنىڭ كىرىپ چىقىشى چەكلەنگەن. ھازىر خۇنەن، جياڭشى، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك رايونلار قاتتىق يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرىنى ئالدىن ئالا ئىشلەپ، يامغۇر بەكرەك ياغىدىغان رايونلارنى چارلىغان، ھەمدە گىئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان رايونلاردىكىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، يۆتكىگەن.

  قارا يامغۇر جەنۇب تەرەپنى قاتتىق ھالسىراتقاندىن كىيىن، ناھايىتى تېزلا شىمالغا ھۇجۇم قىلماقتا، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئېلىمىزدە يەنە ئېرنىنو ھادىسسى يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن، جەنۇبنىڭ كۈز پەسلى تۆۋەن تېمپراتۇرلۇق، سىم سىم يامغۇرلۇق بولىدۇ، شىمالنىڭ كۈز پەسلى قۇرغاق بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئاۋۋال تەييارلىق قىلىپ ئاپەتلەردىن ساقلىنىپ زىياننى ئازايتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر