باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر يېزا ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقتى

2014.05.30 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش مەخسۇس ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يېشىل يول ئاچتى.

  مۇخبىرنىڭ 27-ماي مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل جايلار پىلاننى ئايرىم تۈزۈش ئارقىلىق، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتكەن. سىچۈەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر ئۆلكە ئىچىدە مىللىي، نامرات، كونا ئىنقىلابى رايون ۋە جاپالىق چەت ياقا رايونلارغا قارىتىلغان 1000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۆلكە ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش پىلانىدا نىشانلىق ھالدا يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. يۈننەن ئۆلكىسى ئۆلكە ئىچىدىكى نامرات رايونلاردىن 300 نەپەر يېزا ئوقۇغۇچىسىنى قوبۇل قىلىپ ھەقسىز تىببى ئىلمىي بويىچە تەربىيەلەشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقا ئۆزى تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر تەخمىنەن 8500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تىزىملىكىنى مەخسۇس يېزا ئوقۇغۇچىلىرىدىن قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ يۇقىرىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %2 نى ئىگىلەيدىكەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر بىرلىشىپ نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن «ئۆز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلانىنى» يولغا قويغان، تېخىمۇ كۆپ يېزا كەنت بازارلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر «ئۆز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلانى» دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن. بەزى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر چەت يىراق، نامرات، مىللىي رايونلاردىكى مۇنەۋۋەر يېزا ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۆز ئالدىغا تاللاپ قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانىنى كەينى كەينىدىن تۈزۈپ چىققان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر