باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولغان سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇردى

2014.05.30 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 26-ماي ئېلان قىلغان «2013-يىللىق جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى» ئاق تاشلىق كىتابىدا مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولغان سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ھوقۇقى يېتەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولدى. 2013-يىلى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ يۆتكەپ چىقىم قىلىشتا مىللىي رايونلارغا ئېتىبار بېرىش ئاساسىدا، مەركەز مالىيەسى مىللىي رايونلارغا يۆتكەپ چىقىپ قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان مەبلەغ 46 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن %10.5 ئاشتى. دۆلەت ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايون ۋە گۈيجۇ، يۈننەن، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئۈچ ئۆلكىدە نامراتلارنى يۆلەش سلېىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغ سېلىنمىسى 16 مىليارد 605 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %43.76 نى ئىگىلىدى، مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى 2012-يىلىدىكىدىن %16.8 كۆپەيدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: 2013-يىلى دۆلەت 12-بەش يىللىق پىلاندىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ مەخسۇس ئومۇمىي پىلانىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ۋە مىللىي رايونلارنى مەخسۇس يۆلەش كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇردى، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغىدىن 1 مىليارد 450 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ 2012-يىلىدىكىدىن %13.1 ئاشۇردى، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى مەخسۇس مەبلىغىدىن 2 مىليارد 790 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ %50 ئاشۇردى، ئاز سانلىق مىللەت ئۆزگىچە كەنتلىرىنى قوغداش مەخسۇس مەبلىغىدىن 400 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ %53.8 ئاشۇردى.

  2013 -يىلى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 80 مىليارد 767 مىليون يۈەنگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 851 مىليارد يۈەنگە يەتتى. شىزاڭدا دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 30.51 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، شەھەر بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 42.81 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. موتو تاش يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش قاتناپ، مەملىكەت بويىچە ئاخىرقى بىر ناھىيەدە تاشيول قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. سىچۈەن شىزاڭ تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولىدا يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليون 199 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يۈك توشۇش مىقدارى 4 مىليون 52 مىڭ توننىغا، ئاۋىياتسىيەدە يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليون 730 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر