- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكىتىمىز يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تولۇقلىمىسى 320 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
2014.05.29 09:29 مەنبە: خەلق تورى
مالىيە مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «2014-يىللىق يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلەغ توپلاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلىدۇ: 2014-يىلى ھەر دەرىجىلىك مالىيە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-بازار ئاھالىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنى، 2013-يىلدىكى ئاساستا 40 يۈەن ئۆستۈرۈپ، 320 يۈەنگە يەتكۈزىدۇ.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە-ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ دېخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مالىيە تولۇقلىما مەبلىغى ئومۇمىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ تەخمىنەن %80ىنى ئىگىلىدى. دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش نىسبىتى يېقىنقى بىرقانچە يىلدا %50-%60كە يېتىپ، مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولدى». جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارسىى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر