- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇنىڭدىن كېيىن «داڭلىق تاۋار ماركىسى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ
2014.05.04 09:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى»دا 1-مايدىن كېيىن ئېلان تەشۋىقاتىدا «داڭلىق تاۋار ماركىسى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكلەش تەلەپ قىلىندى. ئەمما 1-مايدىن بۇرۇن ئوبوروت ساھەسىگە كىرگەن «داڭلىق تاۋار ماركسى» دېگەن خەت يېزىلغان تاۋارلار 1-مايدىن كېيىنمۇ يەنىلا سېتىلسا بولىدۇ. 15-ئاپرېل دۆلەتلىك سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى» توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەرگە ئائىت ئۇقتۇرۇشنى چىقاردى. ئۇنىڭ ئىچىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «داڭلىق تاۋار ماركسى» دېگەن خەتنى تاۋار، تاۋار ئورىقى ۋەياكى ئېلان تەشۋىقاتى، كۆرگەزمە شۇنداقلا باشقا سودا پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىش قىلمىشى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى تاۋار ماركىسى قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر