باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشتى

2014.05.04 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  | تەھرىر:ئادىل ئابلەت |

  يوللانغان ۋاقىت: 2014-05-03 17:48 دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېڭىدىن ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،1-پەسىلدە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.8 پوئىنت تۆۋەنلەپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى 1تىرلىيون 294 مىليارد 240 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.1ئاشقان؛ئېشىش سۈرئىتى 1-،2-ئايدىكىدىن 0.7 پوئىنىت يۇقىرى بولغان. 1-پەسىلدە يىنىك سانائەتنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى94.6 بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ 4-پەسلىدىكىدىن 0.7 پوئىنت تۆۋەنلىگەن. مەيلى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى بولسۇن ياكى سانائەتنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى بولسۇن 1-پەسىلدە بىر ئاز تۆۋەنلىگەن. جۇڭگو سانائىتىنىڭ ئاستىلاش ۋەزىيىتى كۆرىنەرلىك بولغان. دۆلەتلىك ئستاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى نازارەت قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن جيەنچېڭنىڭ قارىشى بويىچە ئېيىتقاندا،بۇ خىل ئاستىلاش ئېلىمىزنىڭ سانائەتنى تەشەببۇسكار ھالدا تەڭشەپ كوتۇرۇل قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  ئۇ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: كەسىپ ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا، تۇمان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان پۇلات تۆمۈر قاتارلىق ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى ئېنىرگىيە كەسپى ۋە ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، كۆمۈر سانائىتىنىڭ يۈكسىلىشى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىگەن.رايونلار بويىچە قارىغاندا،مەملىكەت بويىچە سانائەت كۆپەيمە قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن پۈتۈن بىر يىلدا بىر پوئىنت ئازايغان. شىمالى جۇڭگودىكى تۇمان بىلەن ئالاقىسى بىر قەدەر زور بولغان خېبېي،سەنشى،ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلار سانائىتىنىڭ ئېشىشى 6.5 پوئىنىت، 6.3 پوئىنت ، 4 پوئىنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى تاسادىپى ئەھۋال ئەمەس ئىكەن.

  8.7%دىن ئىبارەت بۇ بەش يىلدىن بۇيانقى سانائەتنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى مۇۋاپىقمۇ ياكى مۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟ پەن جيەنچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى سانائەت تەرەققىيات سۈرىئىتىدىن قارىغاندا، بۇ خىل يۈكسىلىش مۇقىملىق ئىچىدە تۇرۇۋىتىپتۇ. گەرچە تىك يۆنىلىشتىن قارىغاندا ئېلىمىز سانائىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر ئاز ئاستىلىغان. لېكىن توغرا يۆنىلىش بويىچە قارىغاندا،بۇ سۈرئەت پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ياخشى يۈكسىلىش دەپ قارالماقتا. دۇنيا بانكىسىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدىن بۇ يىل 1-ئايغىچە يەر شارى بويىچە سانائەتنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %4 بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ 1- پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولغان.

  ئېلىمىز ئىقتسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش، قۇرۇلمىنى تەڭەش مۇرەككەپلىشىش مەزگىلىگە كىرگەندە، پۇرسەت بىلەن خېرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سانائەت كارخانىلىرى قانداق قىلىپ تەرەققىيات تىپىدا بۇرۇلۇش ياساشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟ پەن جيەنچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈپ جەھەتتىن ئېيىتقاندا ، كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايىتىپ، بىرلىك سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن تەننەرق رىقابەت ئۈستۈنلىكى بىلەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋەزەللىكىگە تەدرىجى ئۆتكەندىلا، ئاندىن يېڭى ۋەزىيەت ، يېڭى شارائىتتا ھاياتى كۈچىنى ئورغۇتالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر