باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>يۈ جېڭشېڭ

يۈ جېڭشېڭ: شىنجاڭ، شىزاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە قاراتمىلىق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلدى

2015.03.04 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-مارت، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يۈ جېڭشېڭ سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. دوكلاتتا مۇنۇلار دېيىلدى:

  (7) خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سىرتقا قارىتا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان تاشقى مۇھىت تىرىشىپ يارىتىلدى. دائىمىي كومىتېت خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ دېپلوماتىيە چوڭ ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ چۆرىدەپ، كۆپ قاتلاملىق سىرت بىلەن بولغان ئالاقىنى ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قارار-ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى تەشۋىق قىلدى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق سىياسىي تەرەققىيات يولى، دېپلوماتىيە سىياسىتى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ، چۈشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئاممىۋىي دېپلوماتىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئورگانلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سۆھبەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق قاراشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى. خەلقئارا ۋەزىيەت ئانالىزى يىغىنى چاقىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم كېڭەش تېمىسىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈش-كېڭىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرققىياتىنى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم دېپلوماتىيە ئىستراتىگىيەلىك قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىنىش پىكرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كېڭىشى، جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە سۇپا رولىنى داۋاملىق جارىي قىلدۇرۇشىنى قوللىدى، شىزاڭغا، شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قاراتمىلىق ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدىدى، خەلقئارادىكى پىكىر ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى مۇستەھكەملىدى ۋە كېڭەيتتى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر