باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>ۋاڭ چىشەن

ۋاڭ چىشەن خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2015.03.31 18:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 27-، 28-مارت خېنەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى تونۇپ يېتىپ، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا ھەقىقىي قويۇپ، ئىنتىزام ئارقىلىق كۆپ سانلىقلارنى باشقۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىش كېرەك. ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئابىستراكىت بولماستىن، بەلكى كونكرېت بولىدۇ، 87 مىليون پارتىيە ئەزاسى بار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئىنتىزامنى چوقۇم قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئىنتىزامنىڭ مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي، راستچىل ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى، ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان ئاخىرقى چېكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇ يىل ئۆلكە دەرىجىلىك نەتىجىلەرنى پۇختىلاش ئاساسىدا، بېسىمنى قاتلاممۇ-قاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىككىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر