مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ئارمىيەنىڭ ھەربىي كەسپىي مائارىپ نىزامى (سىناق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى

2020.12.22 17:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ئارمىيەنىڭ ھەربىي كەسپىي مائارىپ نىزامى (سىناق نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»دا، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆگىنىش، ھەممە جايدا ئۆگىنىش، ھەممە ئادەم ئۆگىنىش، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، بۇرچ، ۋەزىپىگە يېقىن تۇرۇش، ئىش ئورنىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، كەسپىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تورلاشقان، ئوچۇق بولغان ھەربىي كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ماكرو جەھەتتە ھەربىي كەسپىي مائارىپ تۈزۈم مېخانىزمى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ھەربىي كەسپىي مائارىپ قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 43 ماددا بولۇپ، ھەربىي كەسپىي مائارىپنىڭ ئوبيېكت دائىرىسى، تەشكىلىي شەكلى، دەۋر تەلىپى قاتارلىق ئاساسىي مەزمۇنلار بېكىتىلىپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدىكى ھەربىي كەسپىي مائارىپقا رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، مائارىپ ۋەزىپىسى، ئۆگىنىشنى باشقۇرۇش، تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئۆگىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، خىزمەتلەرنى باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ