مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2020.12.22 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 47-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ھازىرقى ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋەزىيەتكە بولغان ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە خىزمەتكە بولغان ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش ۋە كۆزىتىش-تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەرىكىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى (دەسلەپكى لايىھەسى) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى تۈزۈش مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە مۇھىم تەدبىرى. قائىدە سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشتىكى ئاساسىي مەزمۇنى، شەكلى، ۋاسىتىسى، قاتنىشىش دائىرىسى، مۇزاكىرىلىشىش پىرىنسىپى، ئاساسىي تەرتىپى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا بەلگىلىمە بېكىتتى، بۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ پايدىلىق ئىزدىنىشى ۋە تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەش ئاساسىدا، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتىن تارتىپ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقىچە بولغان مۇھىم نەتىجە بولۇپ، كېڭىشىشنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتىن بۇرۇنقى ۋە تەدبىر يۈرگۈزۈش جەريانىدىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەرتىپ بويىچە ماقۇللاپ يولغا قويغاندىن كېيىن خىزمەتتە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىسى (دەسلەپكى لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى ئاخبارات باياناتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گو ۋېيمىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىكى مۇھىم تەكلىپ لايىھەسىنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2021-يىللىق كېڭىشىش پىلانى، قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ۋە يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلارنى يەتكۈزدى، ئىزاھلىدى ۋە دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، يا چۈەنتاڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ