مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم

2020.12.22 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى 21-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن ئاساسىي ئىدىيە دەل پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى − «ئۈچنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرىدىغان» تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم سۇپىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسىدۇر، بۇ ئۈچىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولغانلىقىنى نامايان قىلىش بولۇپ، ئىككى نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بىرىنچىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئىككىنچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ «ئۈچنىڭ ئورگانىك بىرلىكى»دە چىڭ تۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشىغا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە سادىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە باغلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى غوجا بولۇشنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا تېخىمۇ كونكرېت، رېئال، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن چىقىرىش شەكلىنى بېيىتىپ، ھەم چوڭ، ھەم كىچىك، چاققان بولۇپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلغاندا بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچنىڭ ئورگانىك بىرلىكى» بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ