مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنى يېپىلدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

2020.11.12 19:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى 11-نويابىر بېيجىڭدا يېپىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان يىرىك پىلان تەكلىپىنى تولۇق قوللىدى ۋە ھىمايە قىلىپ، بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: يىرىك پىلاننىڭ تۈزۈلۈشى ئادەمنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، نىشان تۈزۈشتە ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن، ئورۇنلاشتۇرۇش، تەدبىرلەر ئەمەلىي، دەل جايىدا بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسىدۇر. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپىنى نىشانلاپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 5-ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش − نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسىدۇر. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ جەۋھىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋى نوپۇسنىڭ كۆلىمى غايەت زور بولۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماس بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش قاتارلىق مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار چوڭ-چوڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن دەل جايىدا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ