شى جىنپىڭ كامبودژا ۋالىدىخانى مونىلې ئۈچۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2020.11.09 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا كامبودژا ۋالىدىخانى مونىلې ئۈچۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.

  ئالتۇن رەڭلىك زالدىكى چوڭ قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسى ئالدىغا، جۇڭگو-كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك «دوستلۇق ئوردېنى» سۈرىتى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

  مۇراسىم باشلاندى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھۆرمەت قەدەم بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە چىقىپ، ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ رەتلىك تىزىلدى.

  ھەيۋەتلىك مۇراسىم مۇزىكىسى ياڭرىدى، ئالتۇن رەڭلىك دەرۋازا ئاستا-ئاستا ئېچىلدى، شى جىنپىڭ بىلەن مونىلې تەڭ قەدمدە زالغا كىرىپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ھەمراھ بولۇپ كىردى. پۈتۈن مەيداندىكى ئەزىز مېھمانلار ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، نەزەر سالىمى بەردى.

  شى جىنپىڭ بىلەن مونىلې ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە چىقتى.

  ھەربىي ئوركېستىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ۋالىدىخان مونىلې جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇقىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى ۋە تۈرتكە بولغۇچىسى. 1958-يىلى، ۋالىدىخان مونىلې تۇنجى قېتىم شاھزادە سىخانوكقا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگوغا كەلگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىغان. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋالىدىخان مونىلې جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. ۋالىدىخان مونىلې جۇڭگو خەلقىگە ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى پائال قوللاپ، جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ