مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەخت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم

2020.11.10 19:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئۇنىڭدا، «خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئېنىق تەلەپ قىلىندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «بەخت تۇيغۇسى» گۈزەل تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بولۇپ، ئاساسىي بۇرچى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشتۇر. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەۋرنىڭ يېڭى ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەختنى قانداق چۈشىنىش، بەختنى قانداق ھېس قىلىش، بەختكە قانداق ئىنتىلىش ۋە بەختنى قانداق يارىتىش − شەخسنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك.

  بەخت − بىر خىل تەسىرات، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ئىقتىداردۇر. شۇڭا، ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەخت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا بەخت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەختنى بىلىش، بەختنى ھېس قىلىش ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈش − ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەخت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. بەخت بىر خىل سۇبيېكتىپ خۇشال كەيپىيات تۇيغۇسى ۋە ئاكتىپ روھىي ھالەتتۇر. مائارىپ ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئەھۋالىنى دەرھال ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما ئادەمنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە بىلىش سەۋىيەسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

  ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەخت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى. ئالىي مەكتەپ باسقۇچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى شەكىللىنىدىغان مۇھىم باسقۇچ، شۇنداقلا ئەخلاق تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم مەزگىل. ئادەمدە ئەخلاق بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ تۈپ نېگىزى ئەخلاق تىكلەشتە. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى ئاساسلىقى غايە-ئېتىقاد ۋە ئەخلاق-پەزىلەتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك بەخت دەرىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى بەلگىلەيدۇ. دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچانلىقى ئالدىدا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ خىلمۇخىل ھالىتى ئالدىدا، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ