مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2020.11.06 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 4-نويابىر شاڭخەيدە 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىدىئو ئارقىلىق ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. خەن جېڭ ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ شاڭخەي تور سىرتىدىكى يىغىن مەيدانىدا، ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى توردىكى يىغىن مەيدانىدا، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرلىكتە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سائەت 21 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، خەن جېڭ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خۇ چۈنخۇا ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارۋى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايىف، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسىنىڭ زۇڭلىسى ماراپې، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان، ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىنىڭ باش كاتىپى كىتۇئى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خۇڭسېن، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچىسى يى شياۋجۈن قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سىن ئارقىلىق سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ