خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
يېقىندا تاراتقۇلاردا، بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن نارازى بولۇپ «ئائىلە باشلىقلىرى توپى»دىن چېكىنگەنلىكى خەۋەر قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.
«ئاتا-ئانىلار توپىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنگە نېمە بوپتۇ» دېيىشنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى شۇكى، ئائىلە-مەكتەپ ئورتاق تەربىيەلەش «مۇئەللىمگە ماسلىشىپ ۋەزىپىنى ئورۇنداش»قا ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىل ئەندىزە ئاستىدا، ئاتا-ئانىلار تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەق تاپشۇرۇش، سېتىۋېلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى شەرتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يەنە بارچە ئامالنى قوللىنىپ، سىنىپ قۇرۇلۇشىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشى كېرەك، بۇ ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبىدىكى «ياخشى مائارىپ» ئەمەس.
بەزىلەر، ئاتا-ئانىلار مائارىپتا كەسىپ ئەھلى بولمىغان ئىكەن، «گەپ ئاڭلىشى» كېرەك، دېيىشىدۇ. تور يوق، ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئانچە ئالاقە قىلمايدىغان يىللاردا، گەرچە ئاساسىي جەھەتتىن ئاتا-ئانىلار «ھەممىنى مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بەرگەن» بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا ئىناق ئىدى. ھازىرقى بىر ئەۋلاد ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، مائارىپقا قاتنىشىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى، شۇنداقلا مۇئەللىم بىلەن باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.
«ئاتا-ئانىلار توپى» ئائىلە-مەكتەپ ئورتاق تەربىيەلەشتىكى تور سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان نۇرغۇن ئۈمىدى يۈكلەنگەن ئىدى. لېكىن، «ئوقۇتقۇچىلارنى مەركەز قىلىش» تەك تەشكىللەش ئۇسۇلى بەلكىم نۆۋەتتىكى «ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىش»تەك مائارىپ تەلىپىنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن. ئايرىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ھەممىنى ئائىلە باشلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىش» ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىسىز.
ئەمەلىيەتتە، نەچچە ئايغا سوزۇلغان يۇقۇم مەزگىلىدە، نۇرغۇن مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ئۇزۇن خەت يېزىپ، «خەتتە يۈز كۆرۈشۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىلھام بەردى. يەنە بەزى مەكتەپلەر «ئۇستازلار ئۆمىكى ئائىلە زىيارىتى»نى قانات يايدۇردى، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا سىن ئارقىلىق بىر ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرلىشىپ بالىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بۇ سەمىمىي، كۆڭۈلگە ياقىدىغان ئائىلە-مەكتەپ ھەمتۈرتكىلىكى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما نەق ئۇسسىغان جايغا بېرىپ، ئاتا-ئانىلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.
ئائىلە-مەكتەپ بىرلىكتە تەربىيەلەشتە چوقۇم مەسئۇلىيەت چېگراسىنى ئېنىق ئايرىش، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قايسى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. قانداقلا بولسۇن، بالىلارنى تەربىيەلەش ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، كۆپچىلىك بىر كۈرەش نىشانىنى چۆرىدىگەن «ياخشى سەپداش»لاردۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى