مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تىنچ تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

2020.11.09 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 75-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن تۆت تۈرلۈك ئىلھامى چوڭقۇر شەرھلەپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى: «بىز ئۆزئارا تۇتاشقان، بەخت-سائادەت ۋە ئاپەتتە ئورتاق بولغان يەر شارى كەنتىدە ياشايمىز. ھەرقايسى دۆلەتلەر زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان.» تەقدىرى ئورتاق بولغان، بۇ يەرشارى كەنتىدە بىللە ياشىغان ئىكەن ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

  بۈگۈنكى دۇنيادا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە تايىنىش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش دەرىجىسى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. ھالبۇكى، دۇنيا دۇچ كەلگەن بىخەتەرلىك تەھدىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. مەيلى ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك بولسۇن ياكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تېررورلۇق قاتارلىقلار بولسۇن، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ تەھدىتلەر ئالدىدا، مەيلى بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى قانچىلىك كۈچلۈك بولسۇن، ئۆز كۈچىگىلا تايىنىپ تەھدىتنى تۈگىتىشكە، ئۆزىنىڭلا غېمىنى قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ.

  مۇرەككەپ، كۆپ ئۆلچەملىك، ئۆزئارا باغلانغان يەر شارى تورى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئورتاق ھەل قىلىشىغا مۇھتاج، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھەربىر ئەزانىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ؛ ھەربىر ئەزانىڭ بىخەتەرلىكى بولغاندىلا، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇمىي خەۋپسىزلىكنى قوغدىيالايدۇ. ھەر بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلىنىشلىق، ھەربىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلاندى.

  مۇشۇنداق رېئاللىق ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپلىك دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يەر شارى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتى شۇنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كەلگەن تەھدىتنى يېڭىشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى، ھەرقايسى دۆلەتلەر كۈچ چىقىرىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتۇر. خەلقئارا ھەمكارلىق پەقەت يۇقۇملۇق كېسەللىكنى يېڭىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ