مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2020.11.09 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاش» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى قەدەم تاشلاشتا دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش زۆرۈر.

  «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېڭى قەدەم تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش زۆرۈر.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان تەرەققىيات بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئېلىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ياخشى ئامىل شەرتى ۋە ئېھتىياج شارائىتىغا ئىگە، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تەرەققىياتنىڭ رېئال ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى − پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق تۈزۈلمە-مېخانىزم بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى بىرىنچى بايلىققا، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ