مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2020.11.06 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 5-نويابىر جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لې يۈچېڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  لې يۈچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى رۇسىيە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم كۆپ تەرەپ تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۇ يىل ياۋروپا-ئاسىيا رايونىغا يۈزلەنگەن مۇھىم كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىن مەزگىلىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر ئاساسلىقى يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. يەر شارى يۇقۇم ئەھۋالى بىلەن يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ كەتكەن ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ سىن شەكلىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق بىلدۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ