مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركىزىي تەشۋىقات-لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا تەشۋىق قىلىش لازىم

2020.11.06 18:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركىزىي تەشۋىقات-لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنى 5-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەپ ۋە چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەشۋىقات-لېكسىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى پىلانلاش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىش ئۇلۇغ مۇساپىسى ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوران-چاپقۇنلۇق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنى تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىقات-لېكسىيە ئارقىلىق پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش، 2035-يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت كەلگۈسى نىشان ۋە «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ فاڭجېن، پىرىنسىپلىرى، ئاساسىي نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم ھۆكۈملەر، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش، ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات-لېكسىيەگە قاتناشقان يولداشلار سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۇختا دەرس تەييارلاپ، تەشۋىقات-لېكسىيە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە يۈزلەنگەن تەشۋىقات-لېكسىيە پائالىيىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ