مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خېبېي ئۆلكىسى دىڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭچۈن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2020.11.06 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭچۈن (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، ھازىر خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  ۋاڭ دۇڭچۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ۋاڭ دۇڭچۈن، ئەر، 1963-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، خەنزۇ، خېبېي لۇەنجوۋدىن، 1980-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1993-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  2009-يىلى 7-ئايدىن 2009-يىلى 12-ئايغىچە، تاڭشەن شەھىرى لۇنەن رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى بولغان (ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي خىزمىتىنى باشقۇرغان)، يېزا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2009-يىلى 12-ئايدىن 2010-يىلى 4-ئايغىچە، تاڭشەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، نەنخۇ ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى (مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك) بولغان.

  2010-يىلى 4-ئايدىن 2011-يىلى 1-ئايغىچە، تاڭشەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، نەنخۇ ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى بولغان.

  2011-يىلى 1-ئايدىن 2011-يىلى 2-ئايغىچە، لېتىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىمى، لېتىڭ يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2011-يىلى 2-ئايدىن 2013-يىلى 11-ئايغىچە، لېتىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى، لېتىڭ يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ ئارىلىقتا: 2011-يىلى 2-ئايدىن 2012-يىلى 12-ئايغىچە، ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا داشۆسى يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان، قۇرۇلۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن).

  2013-يىلى 11-ئايدىن 2016-يىلى 10-ئايغىچە، لېتىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2016-يىلى 10-ئايدىن 2016-يىلى 12-ئايغىچە، دىڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك).

  2016-يىلى 12-ئايدىن 2017-يىلى 2-ئايغىچە، دىڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، خېبېي ئۆلكىسى دىڭجوۋ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دىڭجوۋ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىر نامزاتى بولغان.

  2017-يىلى 2-ئايدىن 2017-يىلى 6-ئايغىچە، دىڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، خېبېي دىڭجوۋ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017-يىلى 6-ئايدىن 2019-يىلى 12-ئايغىچە، دىڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، خېبېي دىڭجوۋ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى (خېبېي دىڭجوۋ يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2019-يىلى 1-ئايدىن 2020-يىلى 5-ئايغىچە، دىڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، خېبېي دىڭجوۋ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى (خېبېي دىڭجوۋ يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2020-يىلى 5-ئايدا، دىڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) بولغان.

  ج ك پ 9-نۆۋەتلىك خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى.

  (خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ