مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2020.11.05 19:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-نويابىر كەچتە ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۆزئارا تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھقا ئايلاندى. ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، ئوخشىمىغان تۈزۈم، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئۈلگە بولدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو-ئىتالىيە ئىككى دۆلەت خەلقى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئىككى تەرەپ ئۆتمۈشنى خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ ماقۇللاندى. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىتالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو-ئىتالىيە ئىككى تەرەپ ھەر دەرىجىلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ