مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ جۇڭگو-رۇسىيە پارلامېنت ھەمكارلىق كومىتېتى 6-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2020.11.03 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 2-نويابىر بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو-رۇسىيە پارلامېنت ھەمكارلىق كومىتېتى 6-قېتىملىق يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى − جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ بىۋاسىتە يېتەكلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ زور تەرەققىيات يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىسى ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتتى. 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەڭ تارقىلىش جەريانىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى سىناققا بەرداشلىق بەردى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان دوستلۇقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ