مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم

−− پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.11.04 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا چوقۇم خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى باشتىن ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسى __ خەلقتە، قان تومۇرى __ خەلقتە. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا دەل خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، مەيلى قانچىلىك خىرىس ۋە بېسىمغا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانچىلىك قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، بۇ نۇقتىدا باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي، قىلچە تەۋرەنمەيدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بالىلار تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئامما ئەمگەك قىلىپ ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولسا داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئولتۇرۇشقا ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارغا يار-يۆلەككە ئىگە بولالايدىغان بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، يېزىلاردىكى 55 مىليون 750 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 60 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلانغانلار 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئېشىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلانغانلار سانى 1 مىلياردقا يېقىنلاشتى. ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھالدا ئاخىرلاشتى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ