مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەقەملىك خەلق پۇلى بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى

2020.11.04 18:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەركىزىي بانكا يېقىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا خەلق پۇلىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەلق پۇلىنىڭ ئەمەلىي نەرسە شەكلى ۋە رەقەملىك شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، رەقەملىك پۇل تارقىتىشنى قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېقىندا شېنجېن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن بىرلىكتە رەقەملىك خەلق پۇلى قىزىل بولىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلدى، 50 مىڭ شەھەر ئاھالىسى 10 مىليون يۈەن رەقەملىك قىزىل بولاقتىن ئورتاق بەھرىمان بولدى. تۈرلۈك ئالامەتلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، رەقەملىك خەلق پۇلى بىزگە بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا!

  تورغا ئۇلاش ھاجەتسىز، دەرھال چىقىم قىلغىلى بولىدۇ

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم شېنجېندىكى رەقەملىك خەلق پۇلى قىزىل بولىقىنى تىك سىزىقلىق كود ئارقىلىق تۆلەش ۋە يېقىن مەيداندىكى خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى (NFC) ئاساسىدىكى كونتاكتسىز چىقىم قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، يان تېلېفوندا «سىكاننېرلاش» ياكى «تېگىشتۈرۈش» ئارقىلىق مىللىسېكۇنت ئىچىدە چىقىم قىلغىلى بولىدىكەن.

  ئىشلىتىش شەكلىدىن قارىغاندا، رەقەملىك خەلق پۇلى قارىماققا ئەلىپاي، ئۈندىدار قاتارلىق كۆچمە چىقىم قىلىش ئۇسۇللىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا، ئىككىسىنىڭ پەرقى نەدە؟

  بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى رەقەملىك پۇل تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مۇ چاڭچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈندىدار چىقىمدانى ۋە ئالىپاي رەقەملىك خەلق پۇلى بىلەن ئوخشاش بىر قاتلامدا ئەمەس، ئۈندىدار چىقىمدانى ۋە ئالىپاي قاتارلىقلار پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەسى، يەنى «پۇل قاپچۇقى»دۇر، رەقەملىك خەلق پۇلى بولسا پۇل تۆلەش قورالى، يەنى «پۇل قاپچۇقى»نىڭ مەزمۇنىدۇر. ئۈندىدار چىقىمدانى ۋە ئالىپاينىڭ «پۇل قاپچۇقى»نىڭ ئىچىگە سودا بانكىلىرىنىڭ ئامانەت پۇلى قاچىلانغان. رەقەملىك خەلق پۇلى تارقىتىلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك يەنىلا ئۈندىدار چىقىمدانى ۋە ئالىپاي ئارقىلىق پۇل تۆلىسە بولىدۇ، پەقەتلا «پۇل قاپچۇقى»غا قاچىلانغان مەزمۇندا مەركىزىي بانكىنىڭ پۇلى كۆپىيىدۇ.

  مۇ چاڭچۈن رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ ئىشلىتىلىش كۆرۈنۈشىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: ئىككى تەرەپنىڭ يان تېلېفونىدا رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ رەقەملىك پۇل قاپچۇقى بولسىلا، ئۇنداقتا تورغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، پەقەت يانفوندا توك بولسىلا، ئىككى يان تېلېفوننى «تېگىشتۈرۈپ» قويسىلا، بىر تەرەپنىڭ رەقەملىك پۇل قاپچۇقىدىكى رەقەملىك پۇلنى يەنە بىر تەرەپكە يۆتكەپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، بىر قىسىم چەت-ياقا رايونلاردا تور راۋان بولماسلىق سەۋەبىدىن يانتېلېفون ئارقىلىق پۇل تۆلىيەلمەسلىك مەسىلىسى ھەل بولىدۇ. بانكا ئىسچوتىغا ئۇلاشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇش، رەسمىيەت ھەققى بولماسلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ