مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى

2020.11.03 18:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  رەئىس شى جىنپىڭ 75-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە سۆز قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چوڭ دۆلەتتەك قىياپىتى بولۇشى تېخىمۇ زۆرۈر، تېخىمۇ كۆپ يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك.» نۆۋەتتە، ئىنسانلار ھېلىھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش چوڭ دۆلەتلەرنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا چاقىردى. جۇڭگو جاھان ھېسسىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، لەۋزىدە تۇرىدىغان، مېھىر-مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، ئەخلاققا رىئايە قىلىدىغان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو خەلقئارا قائىدە ۋە خەلقئارا تەرتىپ رامكىسى ئىچىدە چىڭ تۇرۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتلىرىغا يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرىنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق گىن تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى دەرھال ئېلان قىلدى، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسىنى دەرھال ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى، كەلگۈسىدە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلاتى سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىش، يەر شارى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ئالدى بىلەن ۋەدە بەردى. سەمىمىي بولۇپ مەجبۇرىيىتىدە چىڭ تۇرۇش، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشتەك جۇڭگونىڭ ھەققانىي ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش − ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنىڭ توغرا يولىدۇر. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىمۇ يۇقۇمدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش زور بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغدىدى؛ ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى ۋە ساغلاملىق يىپەك يولى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئارقىلىق خەلقئارا ياردەم بېرىش، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردە ئىتتىپاقلىق-ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ، تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، توسۇقنى بىكار قىلىش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىنسانلار كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن ئالاھىدە پەيتتە، جۇڭگو «جاھاندىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولۇش ھېسسىياتى، ئەخلاق-پەزىلىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، چوڭ دۆلەت خىسلىتىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ