شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى 7-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى 7-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن توغرا ئىستاتىستىكا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار جۇڭنەنخەيدە نوپۇسنى 7-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى

2020.11.03 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى 7-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتى پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇلماقتا. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى جۇڭنەنخەيدە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەرە جۇڭنەنخەينىڭ خۇەيرېنتاڭ زالىغا كەلدى. تىزىملاشقا مەسئۇل ئىككى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگۈچى باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئېلېكتىرونلۇق تىزىملاش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تىزىملاش تەلىپىگە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگۈچىنىڭ سوئالىغا بىرمۇ بىر جاۋاب بەردى، تەكشۈرگۈچىلەر ئۇچۇرنى تاختا كومپيۇتېرغا كىرگۈزدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ مەلۇم قىلغۇچى ئىمزا قويۇش كاتەكچىسىگە ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قويدى.

  تىزىملاش تاماملانغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئىككى تەكشۈرگۈچىدىن بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. تەكشۈرگۈچى باش شۇجىغا قىسقىچە دوكلات بەردى. شى جىنپىڭ ئىككى تەكشۈرگۈچى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان 7 مىليوندىن ئارتۇق تەكشۈرگۈچىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نوپۇس خىزمىتى ۋە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، نوپۇس مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. نوپۇس 10 يىلدا بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭمۇ 7-قېتىملىقى. ئالدىنقى ئالتە قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە نۇرغۇن تەپسىلىي ۋە ئېنىق نوپۇس ئىستاتىستىكا مەلۇماتى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات سىياسىتى، نوپۇس سىياسىتى قاتارلىقلارنى تۈزۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى 7-قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يېڭى دەۋردە قانات يايدۇرۇلغان دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت كۈچىنى بىر قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدىكى چوڭ ئىش.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار جۇڭنەنخەيدە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ