مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى

2020.11.04 18:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاتالمىش شىنجاڭدا «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلەندى»، «ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى»، «مەسچىتلەر مەجبۇرىي چېقىلدى»، «دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىندى» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى ھەدەپ تارقاتتى، بۇ ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بىز بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەندۇق ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىز تۆۋەندىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرنى توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىمىز.

  بىرىنچى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش − سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنىڭ ئىپادىسى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە»، «ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ»، «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ»، دەپ بەلگىلەنگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردا پۇقرالارنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى، تەربىيەلىنىش ھوقۇقى، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرى دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن پەرقلەنمەيدۇ، دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلىدىن كەمسىتىلمەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇقىمىزنى تولۇق يۈرگۈزۈشىمىزنى مۇھىم قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن-نىزاملىرىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي پائالىيەتلەر، دىنىي خادىملارنى باشقۇرۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ ۋە تۈزىتىپ، دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، دىنىي خادىملارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بىز ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەسچىت قۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىردۇق، ھۆكۈمەتمۇ بىزگە «يەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى»، «ئۆي-زېمىن ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى»، «دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ بەردى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەر دېموكراتىك باشقۇرۇش تەشكىلاتى قۇرۇش، ئىچكى ئىشلارنى باشقۇرۇش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، ئىئانە قوبۇل قىلىش، مال-مۈلۈك ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، قانۇن بويىچە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولدى. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ