مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەركىنجان تۇراخۇن: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش لازىم

2020.11.03 18:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى − دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ روھىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 7-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، دەپ تەكىتلىدى؛ مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭى دەۋردە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئەزالىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق سالاھىيەتكە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرىنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان تونۇش تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك تۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ، ياخشى تۇتۇش كېرەك. خۇبېيدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دائىملىق نوپۇسى 2 مىليون 470 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن ئۆلكە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %4.5ىنى ئىگىلەيدۇ، خۇبېي ئۆلكىسى مىللەتلەر خىزمىتى ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر ئۆلكىلەرنىڭ بىرى. خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بىرلىك سەپ سىستېمىسى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جەريانىدا سىياسىي تونۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش-ئىشلىيەلمەسلىكتىكى ئەڭ تۈپ مەسىلە − پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش-بولماسلىقى.» پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ئەڭ مۇھىمى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇشىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم.

  (ئاپتور: ج ك پ خۇبېي ئۆلكىلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ