ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2020.10.30 18:26 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

  ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى

  ئومۇمىي يىغىدا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشاننى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

  ئومۇمىي يىغىندا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىندى

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2020-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 198 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن 166 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى؛ «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشاننى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىندا ئىزاھات بەردى.

  ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: بىر يىلدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى 1-ئورۇنغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى ئىگىلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، خەلق تۇرمۇشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، جەمئىيەت ئومۇملۇقى مۇقىم بولدى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم كېمىسى داۋاملىق دولقۇن يېرىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلايدىغان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلا بولسا، بىز چوقۇم ئىلگىرىلەش يولىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەرلەرنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى چوقۇم تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ