مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئاقسۇدىكى «ناۋات» ئالما مول ھوسۇل پەسلىگە كىردى

2020.11.03 18:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كەچ كۈز كىرىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باغلاردا قىپقىزىل ئالمىلار شاخلارنى بىر ئالدى، باغۋەنلەر ئۈزۈش، ئوراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يەر داڭلىق «ناۋات» ئالما ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون. بۇ يىلقى ناۋات ئالمىدىن يەنە بىر قېتىم مول ھوسۇل ئېلىندى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، بۇ يەرنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، كۈننىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، شۇ جايدا ئۆستۈرۈلگەن ئالما تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت مىقدارى بار. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، كەچ كۈزدە قىرو چۈشكەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئالمىلارنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ناۋاتتەك پارقىراپ، تاتلىقلىقى، تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ناۋات» ئالما، دەپ ئاتايدۇ.

  شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ناۋات» ئالمىنىڭ قەنت مىقدارى 17 گىرادۇستىن 21 گىرادۇسقىچە ئىكەن، ئادەتتىكى ئالمىنىڭ قەنت مىقدارى ئادەتتە 13 گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن. تەمى تاتلىق، چۈرۈك بولغاچقا، ئاقسۇنىڭ «ناۋات» ئالمىسى شىنجاڭنىڭ ۋەكىللىك مېۋىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى ۋىلايەت بويىچە ئالمىلىق باغ كۆلىمى 333 مىڭ 900 موغا، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 688 مىڭ 800 توننىغا يەتكەن، مو بېشى مەھسۇلاتى 2.06 توننا بولغان.

  ئالمىدىن مول ھوسۇل ئالغان باغۋەنلەر كىرىمىنى ئاشۇرۇش خۇشاللىقىغا چۆمدى

  ئاقسۇ ۋىلايىتى خوڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىدا، تۇرسۇنئەلى يۈسۈپنىڭ ئالمىلىرىنى باشقا جايلاردىكى سودىگەرلەر زاكاز قىلىپ تۈگىتىپ بولدى. شۇ جايدىكى «ناۋات» ئالما ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوۋ جيا بۇلتۇر 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالدى، ئۇ: «بۇ يىلقى مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىنمۇ يۇقىرى»، دېدى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى ئىشلەمچى يېزىسى قويچى كەنتىدىكى شىنجاڭنى سۆيۈش دېھقانچىلىق مەيدانىدا، باغۋەنچىلىك تېخنىكى ئەمەتنىياز ئابدۇراخمان ئۆزىنىڭ بېغىنى باشقۇرۇشتىن باشقا، يەنە دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇ «‹ناۋات› ئالما ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسى ئەڭ ياخشى، مەن يېقىندىلا 100 مىڭ يۈەنلىك بىر ماشىنا سېتىۋالدىم»، دېدى.

  تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىر باغۋەنلەرنىڭ سېتىش ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى توپ سېتىش، پارچە سېتىش يوللىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى. باغۋەن جېڭ دۇڭجۈەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دوۋيىن، ئۈندىدار قاتارلىق تور سۇپىلىرى ئارقىلىق ئۆز ئائىلىسىنىڭ «ناۋات» ئالمىلىرىنى ساتتى، ئۇنىڭ دوۋيىن نومۇرىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىلىرى بار. ئۇ: «مەن ‹ناۋات› ئالما كۆچىتى تىكىش، ئۆستۈرۈش، ئۈزۈش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كىچىك سىن قىلىپ ئىشلەپ، تور سۇپىسىغا يوللاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ‹ناۋات› ئالمىنىڭ يېشىل، تەبىئىي بولغان ئېسىل سۈپەتلىرىنى چۈشەندۈرىمەن»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ