مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئورتاق كۈرەش قىلايلى

2020.11.02 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى ئابىدە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چېلىندى.

  كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش بولدى. تاشقى مۇھىتتىن قارىغاندا، بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلماقتا، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىپ، خەلقئارا مۇھىت بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى روشەن، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد ئۇزاققىچە ياخشىلاندى، ماددىي ئاساسى پۇختا، ئادەم كۈچى بايلىقى مول، بازار بوشلۇقى كەڭ، تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم، داۋاملىق تەرەققىي قىلىش كۆپ تەرەپلىك ئۈستۈنلۈككە ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىز ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، كۈرەش روھىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇشىمىز، ھەم ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پايدىغا يۈزلىنىپ، زىياندىن ساقلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش − بىر مەيدان يېڭى ئۇزۇن سەپەر. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئورتاق كۈرەش قىلساقلا، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەرقانداق قىيىنچىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ