ئادىلجان مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماسلىقىمىز، بەلكى كۆرۈپ يېتىشىمىز ۋە ھەل قىلىشىمىز لازىم، دېدى

2020.11.02 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ئادىلجان (ماتىرىيال سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA) نىڭ 6-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى جياڭسۇ كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر چارەكتىكى كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، 100 گە قارشى 113 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى. ئەمما شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاخىرقى چارەكتە ئالغان نومۇرىنىڭ قارشى تەرەپتىن 14 نومۇر تۆۋەن بولغانلىقى باش تىرېنېر ئادىلجاننى رازى قىلالمىدى، ئۇ كوماندىنىڭ مەسىلىنى كۆرۈپ يېتىشى، ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھەرگىزمۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقىنى ئېيتتى.

  بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ سەپ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر چوڭ بولدى، قىرانبېك، شىرئەلىجان، يۈ چاڭدۇڭ قاتارلىقلار كوماندىدىن ئايرىلدى، تېخىمۇ كۆپ ياش كوماندا ئەزالىرى ئايلانما سەپكە كىردى. ئەمما ئادىلجان ماھىرلارنىڭ ياش بولۇشى كوماندىنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ، دەپ قارىدى.

  ئادىلجان: «ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەردە ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەش- تۆۋەنلەش مەۋجۇد، لېكىن يەنىلا يامان ئەمەس. بىز مەسىلىنى كۆرۈش جەريانىدا مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز لازىم، ھەرگىزمۇ مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماسلىقىمىز كېرەك»، دېدى.

  ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالتە-يەتتە ئادەمگە تايىنىپلا توپ ئويناشقا بولمايدۇ، چوقۇم كوللېكتىپقا تايىنىش لازىم، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر مەيداندا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئۇ: «نېمىلا دېگەن بىلەن بىرلەشمە مۇسابىقە بىر ئۇزۇن جەريان، بەزى ياخشى ھادىسىلەر مەيدانغا كەلدى، بەزى يېتەرسىزلىكلەرمۇ ئاشكارىلاندى، بۇ دەل ياشلار قوشۇنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئاسان كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى كۆرۈپ يېتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلساق، ئاندىن بىر مەيدان ئوينىساق، بىر قەدەم ئىلگىرىلەش نىشانىغا يېتەلەيمىز»، دېدى.

  بىر نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن 2-چارەككە كىرگەندىن كېيىن، جياڭسۇ كوماندىسى ئالدى بىلەن نۆلگە قارشى يەتتە نومۇر ئالدى، بىراق شىنجاڭ كوماندىسى تېزدىن ئۇدا يەتتە نومۇر ئالدى. زېڭ لىڭشۈ بىلەن جوۋ چى ئۇدا ئىككى قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نومۇردا ئېشىپ كېتىشىگە ياردەم بەردى، جوۋ چى يەككە چارەك مۇسابىقىدە 15 نومۇر ئالدى، شىنجاڭ كوماندىسى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 52:45 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. بۇ مەيداندا 25 نومۇرغا ئېرىشكەن لۇتپۇللا كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئۇدا گارغا ھۇجۇم قىلىپ، جازا توپ ئېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، 27 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۈچىنچى چارەكنى ئاخىرلاشتۇردى. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ زاپاس ماھىرلارنى مەيدانغا چىقارغاندىن كېيىن، جياڭسۇ كوماندىسى بىر مەھەل نومۇر پەرقىنى 10 نومۇرغا كىچىكلەتتى، ئەمما شىنجاڭ كوماندىسى مۇقىم ئويناپ، ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبە قىلدى.

  «14 نومۇر ئۇتتۇرۇۋېتىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق، بەزى ياش توپچىلار بۇ ھالقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.» ئادىلجان مۇنداق دېدى: گەرچە مۇسابىقىدە يەڭگەن بولساقمۇ، خۇلاسىلەشكە تېگىشلىك جايلار يەنىلا مەۋجۇت، بولمىسا ياش كوماندا ئەزالىرىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى بولمايدۇ، شۇنداقلا مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ.

  پۈتۈن مەيداندا 10 قېتىم ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بەرگەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئارقا سەپ مۇھاپىزەتچىسى يۈ دېخاۋ مۇنداق دېدى: «جياڭسۇ كوماندىسىنىڭ تۆتىنچى چارەكتىكى جان تىكىشى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، ئۇلار ۋاز كەچمىدى، ئەكسىچە بىزنىڭ يېڭىشىمىز خۇددى ۋاز كەچكەندەك بولۇپ قالدى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ