خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى

2020.10.26 18:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 23-چېسلا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشى جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇردى، يېڭى جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى قوغدىدى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىدى. 70 يىل بۇرۇنقى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشىغا نەزەر سالساق، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا ئاساس سالدى، بىزنىڭ چەكسىز مۇستەھكەم، چەكسىز ئىشەنچىمىز بار. بىز ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ جاپالىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەتلىك، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق. بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيى زالىنىڭ كەيپىياتى تەنتەنىلىك ۋە قىزغىن بولدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغان، ئارقا پەردە ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى ئېسىلغان بولۇپ، دۆلەت گېربى ئاستى تەرىپىدە «1950-2020»دىكى ئاق رەڭلىك بەلگە بولۇپ، ئون پارچە قىزىل بايراق ئىككى يانغا تىزىلغان. زالنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى بالكوندا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى» دېگەن شۇئار ئېسىلغان.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى. دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 70 يىل ئىلگىرى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتەك ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئىككى يىل، توققۇز ئاي جاپالىق قان كېچىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخ بېتىگە، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تارىخى بېتىگە مەڭگۈ يېزىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 70 يىلدىن بۇيان، بىز پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ خەلقئارا ھەققانىيەتنى قوغداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، يېڭى جۇمھۇرىيەتنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىسىنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇمىدۇق، قەھرىمانلار قەسىدىسى يېزىپ چىققان جۇڭگو خەلق پىدائىيلىرى ۋە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتا تۆھپە كۆرسەتكەن بارلىق كىشىلەرنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇمىدۇق، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدۇق، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قسىمىدىكى بارلىق پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، يارىلانغان، مېيىپ بولغان شەرەپلىك ھەربىيلەر، ئەينى يىلى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، بولۇپمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەنلەر، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ